تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، ۋاڭ شىڭرۇي

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى، كەسىپ، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇلازىمەت كەسپى 3 - كەسىپكە تەۋە، ئۇنىڭ يادرولۇق ماھىيىتى ئەمگەك مۇلازىمىتى، تېخنىكا، ئۇچۇر، ئوبوروت، تۈزۈم خاراكتېرلىك مۇلازىمەت قاتارلىق شەكىلسىز ئامىللار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئامىل تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەنئەنىۋى سانائەتنى يېتەكچى قىلىشتىن تەدرىجىي ھالدا 2 -، 3 - كەسىپكە ماس تۈرتكە بولۇشقا ئۆتتى، مۇلازىمەت كەسپى يەنىلا خەلق ئىگىلىكىدىكى 1 - چوڭ كەسىپكە ئايلاندى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردە تۇنجى قېتىم دىققەتنى خەلق ئىگىلىكىدىكى 1 - چوڭ كەسىپ − مۇلازىمەت كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يىغىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، مۇلازىمەت كەسپى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» «ئاساسىي موتور»غا ئايلانغان. 2015 - يىلى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %50تىن ئاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، 2025 - يىلى %57.7كە يەتكەن. ھازىر، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60تىن ئاشقان.

شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاشلا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى، 2022 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، 2022 - يىلىدىكى %44.9تىن ئېشىپ 2025 - يىلىدىكى %48.7كە يەتتى. 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 1 - كەسىپ ۋە 2 - كەسىپنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان سانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق كۈچكە ئايلاندى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى، جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى ئۆزگىچە، لېكىن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىستېمال بازىرىدىن يىراق، دائىرىسى كەڭ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى تارقاق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئەنئەنىۋى سانائەتنىڭ تەرەققىيات تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نوقۇل ھالدا ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت كەسىپ قۇرۇلمىسىغا تايانغاندا، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، قوشۇلما قىممىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تىرەك بولۇشى تەسكە توختايدۇ.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى بويۇنتۇرۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى ئاچقۇچلۇق يولىغا ئايلاندى. بىپايان تۇپراق، كۆپ خىل مەدەنىيەت، خاس بايلىق، پورتلار توپىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مۇلازىمەت كەسپى بىكار تۇرغان بايلىقلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە جانلاندۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئۇچنى جىپسىلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ پەرقىنى تولدۇرالايدۇ، بۇ ھەم شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، غەربكە ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق تىرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مەخسۇس مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشقا قاراپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان بولۇشقا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، يادرولۇق قىممىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى «جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال».

بۇنىڭ ئىچىدە، «ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش» ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇلازىمەت جەھەتتىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇققا قارىتا، مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسى يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

«سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»تە دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

كونكرېت جەھەتتىن قارىغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئۈچ تەرەپنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

ياسىمىچىلىق بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشقا قاراپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، سودا ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋان جىپسىلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىدۇ.

نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئاساسىي ئېھتىياج تۈرىدىكى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك قىلىدۇ.

ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ، بازار ئىجازىتى، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى، قائىدىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم «شىنجاڭ مۇلازىمەت» داڭلىق ماركىسى يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا مۇلازىمەت سودىسى ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپى بىلەن ياسىمىچىلىق كەسپىنى ماس ھالدا سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.