تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارى ئارقىلىق چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە ئوخشاش بىر جاۋابنى پۈتۈش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قاراماي شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، نېفىت خاتىرە مەيدانى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى، چوڭ نېفىت كۆپۈكچىلىرىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مېتال يالتىرىقى نۇرى چاقناپ تۇراتتى.

چوڭ نېفىت كۆپۈكچىلىرى بىلەن قاپلانغان قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇرغىلانغان تۇنجى نېفىت قۇدۇقى بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت سانائىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بارلىققا كېلىشتىن كۈچىيىشكىچە بولغان ھەيۋەتلىك تارىخى مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئۇ شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى تۆھپىكار قۇدۇق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن روھنى تاۋلىشى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جاۋاب پۈتۈشتىكى مەنىۋى يەر بەلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش» روھى مۇجەسسەملەنگەن.

2013 - يىلى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. نېفىت قۇدۇقى ئۈن - تىنسىز تۇرسىمۇ، لېكىن كىشىلەر بۇ جايدا ياڭرىغان: كۆڭلىمىزنى توختىتىپ يىلتىز تارتىمىز، نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىمىزدىن يانمايمىز، دېگەن جاراڭلىق قەسەمنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

چۆللۈكتە قەسەم بېرىش، چۆل - باياۋاندا روھنى تاۋلاش

1955 - يىلى، سەككىز مىللەتتىن بولغان 36 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر 1219 ياشلار بۇرغىلاش ئەترىتى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى بىپايان چۆللۈككە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

بۇرغىلاش ئەترىتى ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ، قەدىمىي چۆل - باياۋاندا قۇدۇق بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى قىلدى. 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى بۇرغىلىنىپ 620 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايغا كەلگەندە سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى.

بۇ جەرياندا، 1219 ياشلار بۇرغىلاش ئەترىتى ۋەكىللىكىدىكى دەسلەپكى قۇرغۇچىلار «كۆڭلىمىزنى توختىتىپ يىلتىز تارتىمىز، نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىمىزدىن يانمايمىز» دەپ جاراڭلىق قەسەم بەردى، بۇ، شىنجاڭ نېفىتچىلىرىنىڭ ئېتىقادقا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەنىۋى ئاساسىي رېڭى بولۇپ قالدى.

1956 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى پەيتىدە، نامايىشچىلار قوشۇنىدا قاراماي نېفىتلىكىنىڭ غايەت زور مودېلى پەيدا بولۇپ، تيەنئەنمېن پارات مۇنبىرىدىن ئۆتكەندە، پۈتۈن مەيدان جانلىنىپ كەتتى.

قاراماي نېفىتلىكىنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە شارائىت ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. نېفىت ئېلىش ئەترىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى گەمىدە تۇراتتى، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇنى تۆگە بىلەن 70 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن توشۇپ كېلەتتى. شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىغا جايلاشقان 101 گەمە يادىكارلىق ئورنىدا، نېفىتلىكنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە قېزىلغان گەمىلەر ھازىرغىچە يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

101 گەمە 1964 - يىلى ياسالغان بولۇپ، نېفىت ئېلىش ئەترىتىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش سورۇنى ئىدى. قاراڭغۇ گەمىدە، ئېماللىق يۈز يۇيىدىغان داس، پاختىلىق پەلتو قاتارلىق كونا بۇيۇملار كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، نېفىتلىكنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 1 - ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ قۇم - بوران بىلەن جەڭ قىلغان، تومۇز ئىسسىق بىلەن كۈرەش قىلغان، بوز يەر ئاچقان كۈرەش يىللىرى قايتا نامايان قىلىنغانىدى.

«101 گەمە يادىكارلىق ئورنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە بازىسى ۋە نېفىت سانائىتى باش تېمىسىدىكى ئەسلىي ئورۇن خاراكتېرلىك خاتىرە سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەينى چاغدىكى نېفىتچىلارنىڭ جاپالىق خىزمەت، تۇرمۇش مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلدى. رەتلەپ چىقىلغان 30 پارچىدىن ئارتۇق مىللەتلەر - ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى، 100 پارچىدىن ئارتۇق كونا سۈرەت ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ <بىر قازان تاماقنى بىللە يېيىش، بىر قۇدۇقنى بىللە قېزىش، بىر نېفىت تومۇرىنى بىللە قوغداش>تىن ئىبارەت كوللېكتىپ ئەسلىمىسى تۇتاشتۇرۇلدى» دېدى شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ شياۋلى.

2014 - يىلى، 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى بولۇپ قالدى؛ 2016 - يىلى، 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى كۆرگەزمە سارىيى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى جەمئىي 70 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ياشلىق باھارىنى شىنجاڭغا بېغىشلاش

70 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، قاراماي نېفىتلىكى تەرەققىي قىلىپ شىنجاڭ نېفىتلىكىگە ئايلاندى، نېفىت رايونى جۇڭغار ئويمانلىقىنى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، «كۆڭۈلنى توختىتىپ يىلتىز تارتىش، نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىدىن يانماسلىق» شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، تۈركۈم - تۈركۈم ياشلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىردى.

«جى 172 ― H قۇدۇقى سىلانېتس مېيى ئېچىشتىكى تۆھپىكار قۇدۇق بولۇپ، قۇدۇق مەيدانى يېنىدا <كۆڭلىمىزنى توختىتىپ يىلتىز تارتىمىز، نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىمىزدىن يانمايمىز> دېگەن بۇ 12 چوڭ خەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىم قۇدۇق مەيدانىدىن ئۆتكەندە بۇ خەتلەرنى كۆرسەم قاتتىق ھاياجانلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تېخىمۇ كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلىمەن» دېدى شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىنژېنېر ۋاڭ لياڭجې.

سەنشىدىن كەلگەن ۋاڭ لياڭجې 2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن. 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋاڭ لياڭجې ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كۈن. شۇ كۈنى، ئۇ ۋە 117 ساۋاقدىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى: «سىلەر 118 نەپەر ساۋاقداشنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن».

«ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋاڭ لياڭجې داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى (جىمىسار سىلانېتس مېيى تۈرى دىرېكتورلار بۆلۈمى)غا كېلىپ خىزمەت قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ جىمىسار چۆللۈك نېفىت رايونىدا يىلتىز تارتىپ، سىلانېتس مېيىنى چارلاش - ئېچىشنى تەتقىق قىلدى. ئالتە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ لياڭجې مەشغۇلات رايونىدىكى پەن تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلانېتس مېيىنى چارلاش - ئېچىش تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ سىلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئاشتى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 4 - زاۋۇتىغا خىزمەتكە چۈشكەن ۋېي پېڭفېي تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە يىلتىز تارتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ «قۇدۇق رېمونت قىلىش دوختۇرى»غا ئايلىنىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە شۇنبېي نېفىتلىك - گازلىقىدىكى نەچچە ئون مۇرەككەپ قۇدۇقنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ۋېي پېڭفېينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «پېڭفېي كىيدۈرمە تۇرۇبىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى» دەل ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

تىرىشىپ ئىشلەپ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق شانلىق سەھىپە پۈتۈش

باش شۇجىنىڭ تۇنجى قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايون تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈم يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

ھازىرغا قەدەر، بۇ مەكتەپ رايونىدا يېقىنقى بەش قاراردا كېلىشىم ئىمزالاپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىچىدە، %63ى غەربىي قىسىمدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، %50ى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە %83ى شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولدى.

رۇەن سىيا باش شۇجىغا خەت يازغان 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى، ئۇ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ نېفىتلىكىدە قېلىپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى تاللىدى.

ئالتە يىل خىزمەت قىلىپ، رۇەن سىيا تارتىنچاق ئوقۇغۇچىدىن كەسپىي تايانچقا ئايلىنىپ، ھازىر شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى ئۇچۇر باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى. «يېڭى دەۋردىكى ياش نېفىتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نېفىتچىلار روھىنى رەقەملەشتۈرۈش - ئاقىللاشتۇرۇش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ نېفىتلىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ <يادرولۇق موتورى> غا ئايلاندۇرىمەن» دېدى ئۇ.

«چېگرا رايوننى تاللىغانلىق، دەل دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەشنى تاللىغانلىق.» 2025 - يىلىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ھەمبەھرىلىنىش يىغىنىدا، رۇەن سىيا پەخىرلەنگەن ھالدا ئانا مەكتىپىدىكى مەكتەپداش ئىنى - سىڭىللىرىغا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، كەڭ تۇپراقتا ياشلىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ نېفىتلىكى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى ئون مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىككە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك بازىسىغا ۋە 21 - ئەسىر نېفىت سانائىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىز باسما رايونغا ئايلاندى، جەمئىي ئىشلەپچىقارغان خام نېفىتى 470 مىليون توننىدىن، تەبىئىي گاز 110 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، خام نېفىتنى ئۇدا 25 يىل ئون مىليون توننىدىن ئارتۇق مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشتەك شانلىق نەتىجىنى ياراتتى.

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 70 نەچچە يىلدا، 1219 ياشلار بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى 36 نەپەر ھەر مىللەت ياشنىڭ پولاتتەك قەسىمىدىن، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق «ئاقىل نېفىتلىك» قۇرۇشقىچە بولغان دەۋر ئۆزگىرىشىگىچە، ئۆزگەرگىنى تېخنىكا ۋاسىتىسى، ئۆزگەرمىگىنى نېفىتچىلارنىڭ «كۆڭۈلنى توختىتىپ يىلتىز تارتىش» بۇرچى ۋە ھېسسىياتى بولدى، ئاشۇ «نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىسىدىن يانماسلىق» ئىرادىسى، يەنىلا ئوتتەك قىزىق نېفىت ئېقىمى كەبى شىنجاڭ نېفىتچىلىرىنىڭ تومۇرىدا ئۇرغۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.