تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىقنى جەنۇبتىن شىمالغىچە ئورۇپ يىغىۋېلىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئورما مەۋسۇمى ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا بۇغدايلار تەدرىجىي پىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقنى جەنۇبتىن شىمالغىچە ئورۇپ يىغىۋېلىش ئارقا - ئارقىدىن باشلانغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق يىغىش ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا باشلانغان، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەييارلىقىنى ئالدىن ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، بۇغداينى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 20 مىڭ موغا يېقىن بۇغداي يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تېز بولغان، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىغىۋېلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرىدىكەن.

يېقىندا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كومبايىن، تىراكتورلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر تۈزەش، تولۇق تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىنى ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆتىدىغان يول بۆلەكلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىنى بىخەتەر يولغا چىقىش، تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىش كىنىشكىسىدىن 6600نى تارقىتىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان مايغا قارىتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق يىغىم خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى، رېمونتچىسىدىن 289 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى، 9100دىن ئارتۇق كومبايىن كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەييارلاندى، بۇ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە مەشغۇلات ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىرلىك ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ يەر ۋە مايسا ئەھۋالىغا قاراپ سۇ - ئوغۇت پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.