تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

چىنچياڭ تىياتىرىنى داشۆلەرگە كىرگۈزۈش

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتتى چىنچياڭ تىياتىرى مەكتەپلەرنى ئوزۇقلاندۇردى» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» باش تېمىسىدىكى كۆرەكنىڭ كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى 4-نۆۋەتلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» باش تېمىسىدىكى كۆرەك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتتى چىنچياڭ تىياتىرى مەكتەپلەرنى ئوزۇقلاندۇردى»نى باش تېما قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چىنچياڭ تىياتىرىنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىن نەق مەيداندا ناخشا ئېيتماقتا.

   بۇ قېتىمقى كۆرەككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىن ئۆمەكتىكى ئەزالارنى باشلاپ سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويدى. ئارتىسلار «داجياۋزەن»، «جياۋ يۈلۇ»، «ئاسما رەسىم»، «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك چىنچياڭ تىياتىرلىرىنىڭ نادىر بۆلەكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزگىچە چالغۇلار بىلەن ئورۇنلاپ، پىشقان ئورۇنلاش ماھارىتى، ياڭراق، لەرزان ئاھاڭى ئارقىلىق چىنچياڭ تىياتىرى ئەنئەنىۋى شىچۈ تىياتىرىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىنلار چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان «چىنچياڭ تىياتىرى»نى كۆرمەكتە.

   ئېسىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: شىچۈ تىياتىرىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلىش كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى سەنئىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى شىچۈ تىياتىرى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تارقىتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ مەدەنىيىتىنى بېيىتتى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئارتىس لياڭ بېينى چىنچياڭ تىياتىرى «داجياۋزەن»دىكى ياڭ پەيفېڭنىڭ رولىنى ئورۇنلىماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئارتىس ليۇ يۆ چىنچياڭ تىياتىرى «ئاسما رەسىم»دىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاڭ گۈەنجۈن سۇناي بىلەن «گۈللۈك پانۇس سەيلىسى»نى ئورۇنلىماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قول كۆتۈرۈپ شىچۈ تىياتىرى بىلىملىرىدىن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قاتناشماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.