تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2026-يىللىق 16ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ يازلىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ۋاقتى تۆت كۈن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. كۆرگەزمىگە 50تىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم ئاپتوموبىل ماركىسى، 600دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توپلانغان، ئاپتوموبىل تىپى تولۇق، تاللاش مول بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنى يېتەرلىك تاللاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭدىكىلەر مەخسۇس بەھرىلىنىدىغان پاراۋانلىق ئاپتوموبىل تىپىغا قارىتا چۈشىنىش ھاسىل قىلماقتا.
بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى كۆپ خىل خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پاراۋانلىقىنىڭ مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىشىدۇر. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىش، نەق پۇلنى دەرھال كېمەيتىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز-ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش، كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىغا ئالماشتۇرغاندا يۇقىرى سوممىلىق ياردەم پۇل بېرىش، ھەقسىز ئاسراش، ئېسىل سوۋغات قاتارلىق ھەقىقىي ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. قىسمەن داڭلىق ماركىلار ئائىلە ئاپتوموبىلى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا مەخسۇس ياردەم پۇل بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى مىسلىسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلەتتى.
ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان SUV ئاپتوموبىلى، پىكاپ قاتارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل پەن-تېخنىكىسى ماس قەدەمدە نامايان قىلىندى. كۆرگەزمىدە مول ئاپتوموبىل مەنبەسى ۋە مۇھىم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، بىر بېكەت شەكلىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلار ئىشىك ئالدىدىلا ئەمەلىي، قولايلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى ئايلانماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كىچىك تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا قارىتا چۈشىنىش ھاسىل قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى ئازادىلىكىنى ھېس قىلماقتا.






