6-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا، بىر توپ قارا بويۇن يېكەن توخۇسى شىنجاڭ بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى بىر جايدا سۇ يۈزىدە جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۈزمەكتە ئىدى. ئالتۇن يالىتىلغاندەك كۆرۈنىدىغان سۇ يۈزىدە قارا بويۇن يېكەن توخۇسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك پەيلىرى چاقناپ تۇرغان دولقۇنلاردا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇلار «一» خېتى شەكلىدە قاتار تىزىلىپ تەكشى سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتاتتى، قىياپىتى تىنچ، گۈزەل بولۇپ، تىپتىنچ دالىغا ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.
قارا بويۇن يېكەن توخۇسى دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىردىن 34 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ قۇشىغا تەۋە. ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلىپ تۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك بېزەك پەيلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى كىچىك بېلىق، پاقا ۋە سۇ ھاشاراتلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ.









