6-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا زۇمرەتتەك سۇلار تولغىنىپ ئېقىپ، لۇڭ شەكىللىك، يۈرەك شەكىللىك ئۆزگىچە مەنزىرىلەر سىزىلغان بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان بولغانىدى. تۇتاش كەتكەن قومۇشلار بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، سۇ قۇشلىرى بۇ يەردە ماكانلىشىپ، لەرزان پەرۋاز قىلاتتى؛ ياپيېشىل ئوتلاقلار خۇددى يېشىل گىلەمدەك يېيىلىپ، ئارغىماقلار سۇلۇق يەردە ئەركىن چېپىپ يۈرەتتى. بارلىق شەيئىلەر بۇ يەردە ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، بىر-بىرىگە ئىناق ھەمراھ بولۇۋاتقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەسىرلىك مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.
(ئاپتورلار: پولاتبېك مانىڭ، ئارداق بېيىسقان، جانبېك بېرىك ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






