تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن 2-كوچىسىدىكى قاينام-تاشقىنلىق كەيپىيات شەھەرنىڭ كېچىلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) قاراڭغۇ چۈشۈپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازار بارا-بارا قىزىپ كەتتى. ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋاڭخۇڭ ئۆزگىچە كوچا رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە چىراغلار چاقناپ، كىشىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، تۈرلۈك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە قەدىمىنى توختىتىپ داكا قىلىپ، بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن «يېمەك-ئىچمەك زىياپىتى»گە چۆكمە شەكىلدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

   كەچلىك بازارغا كىرگەندە، رەتلىك تىزىلغان يايما ئورنى ئالدىدىكى ۋىۋىسكىلار چاقناپ، كاۋاپنىڭ پىژىلداپ پىشقان ئاۋازى، دوغاپقا خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرى گىرەلىشىپ، تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان كەچلىك بازار سىمفونىيەسى ھاسىل بولدى. شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى سامسىسى، پولۇسىدىن تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان ۋاڭخۇڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر، ئۆزگىچە ئىچىملىكلەرگىچە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل تائاملار ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ تەمگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردىن بىشەكچى قوغۇن سېتىۋالماقتا.

   «مەن دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئايلىنىپ، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يەيمەن، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىيات كىشىگە تولىمۇ راھەتلىك ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ گوخۇڭ ئەمدىلا تونۇردىن چىققان ناننى قولىغا ئېلىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا. يىراقتىن كەلگەن چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى جاڭ شېڭياڭمۇ كەچلىك بازارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: «خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەززىلىك تائاملار توپلاشقان، كەيپىيات تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزگىچە شەھەر قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتى ۋە سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق».

   خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازارنىڭ قىزىپ كېتىشى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايباغ رايونى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، خوتەن 2-كوچىسىنى يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ئارام ئېلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە كوچا رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەتراپتىكى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت كىرىمىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازار مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خاس كەسىپ ھالىتىنى كىرگۈزۈپ، «قاينام-تاشقىنلىق»نى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، «كېچىلىك ئىقتىساد»نى تېخىمۇ جانلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازار ئۈرۈمچىنىڭ يارقىن شەھەر نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، قويۇق قاينام-تاشقىنلىق بىلەن شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھارارىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بۇ شەھەرنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھچى بولدى.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا ساياھەتچىلەرگە ئىچىملىك قۇيۇپ بەرمەكتە.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا قۇرۇق مېۋە تاللاپ سېتىۋالماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا نان تاللاپ سېتىۋالماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، كاۋاپچى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا كاۋاپ پىشۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن 2-كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.