تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

تىيانشاندا «پىشتى»

   6-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى تاغارچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئاق ئۆرۈكنى قاچىلاپ توشۇماقتا. كۇچا شەھىرىدىكى 97 مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈك ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرى ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىككە قاچىلاش، سېتىشنى تېزلەتمەكتە. يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

  6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچى لوپ ناھىيەسىنىڭ ناۋا يېزىسى باشگاپا كەنتىدىكى گىلاسلىق باغدا گىلاس ئۈزمەكتە. بۇ يېزىنىڭ گىلاس ئۆستۈرۈش كۆلىمى 700 موغا يېتىپ، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 300 مودىن ئاشتى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى تاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى سېرىق ئەتلىك تاۋۇزنى قاچىلاپ توشۇماقتا. نۆۋەتتە، بۇ كەنتتە تېرىلغان سېرىق ئەتلىك تاۋۇز ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش، سېتىشنى تېزلەتمەكتە. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

  6-ئاينىڭ 11-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چوغۇر بازىرى بوزدۆڭ كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار جاڭدۇلارنى ئۈزۈپ، بازارغا يېڭى پېتى سېلىشقا ئالدىرىماقتا. خۇا يەنمىڭ فوتوسى

  6-ئاينىڭ 10-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول بازىرى تولغاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كومبايىندا بۇغداي ئورۇماقتا. نۆۋەتتە، لوپ ناھىيەسىدىكى 260 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن ئورۇلۇشقا باشلىدى، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پائال تۈردە ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دېھقانلار لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كەندىرى كەسىپلەر بازىسىدا لوپنۇر كەندىرى يوپۇرمىقى يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە لوپنۇر كەندىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمدە قوش پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. گۇ يۇڭشىن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

  ئورما مەۋسۇمىدىن كېيىن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تېمپېراتۇرا مۇقىم ئۆرلىدى، شىنجاڭدىكى بوستانلىقلار، ئېتىزلار يازلىق يىغىمنى كۈتۈۋالدى. ھەرقايسى جايلاردا مېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، يېڭى كۆكتاتلار بازارغا سېلىندى، ئېتىز باشلىرىدا شاخلار مېۋىگە تولدى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلانغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مول ھوسۇل مېلودىيەسى ياڭرىدى.

  بۇغداي دان تۇتۇپ پىشىش مەزگىلىگە كىردى، بۇغدايلار دولقۇنلاپ، ئالتۇن رەڭگە كىردى. شىنجاڭ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يازلىق يىغىمنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئارقا-ئارقىدىن باشلىدى، دېھقان ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرتىپلىك تەييارلىق قىلىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  مۇنبەت دالىدا مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى مول ھوسۇلنى خۇشال كۈتۈۋالدى. ئۆرۈكلەر ئالتۇن رەڭدە پارقىراپ تۇرىدىغان بولۇپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى كۆڭۈل قويۇپ ئۈزۈپ، ئىنچىكە ئايرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇردى. قۇملۇقتىكى تاۋۇزنىڭ ئېتى تاتلىق، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرى يىغىش، قاچىلاپ توشۇشنى چىڭ تۇتتى. شاخلارغا لىق تولغان قىزىل گىلاسلارنىڭ رەڭگى كۆركەم، مەرۋايىتتەك سۈزۈك بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە ئۈزۈشنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.

  خاس ئېكولوگىيە كەسپى بىلەن پەسىللىك كۆكتات كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ خىل مول ھوسۇل گۈزەل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى. لوپنۇر كەندىرى يىغىۋېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، خاس بايلىق كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىدا قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈستى ئوچۇق جايغا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، بازاغا يېڭى پېتى سېلىنغان كۆكتاتلار شەھەر-يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىنى بېيىتتى.

  «ئۈجمە تولۇپ پىشقاندا ئۆرۈكمۇ سارغىيىشقا باشلايدۇ، قوغۇن، جىگدىنىمۇ ئاشلىق ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ». خاس مېۋە-كۆكتاتلار نۆۋەت بىلەن بازارغا سېلىنىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۇقرالارنىڭ «ئاشلىق»، «كۆكتات»، «مېۋە-چېۋە»لىرىنى موللاشتۇردى، شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلىدى.​

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.