6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى چۇەنزىگەي بازىرى كېپىنەك جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى، ھەر خىل رەڭلىك گۈللەر كەينى-كەينىدىن پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ھەممە يەر چىرايلىق گۈللەر بىلەن تولغانىدى، رەڭگارەڭ كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلىپ، بەزىدە گۈللەرنى ئايلىنىپ ئۇچسا، بەزىدە گۈللەرگە قونۇپ ئارام ئالاتتى. باغچە رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئوماق ئەرمەك ھايۋانلارنى تاماشا قىلىش رايونىدا، ھەر خىل كىچىك ھايۋانلار مۇلايىم، ئوماق بولۇپ، ساياھەتچىلەر يېقىن ئارىلىقتا تاماشا قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئوينايتتى. چۇەنزىگەي بازىرى ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيەت-ساياھىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى ئىستىراھەت-سەيلە قىلىش، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ تەتقىقات-ئۆگىنىشتىكى ئالدىن تاللايدىغان مەنزىلگە ئايلاندى.
(ئاپتورلار: يې يۈ، رېن دۇڭشېڭ ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: جىمسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






