
ساغلام شىنجاڭ
خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى
بالىلارنىڭ قول-پۇت ئالقىنىغا ئەسۋە چىقسا، بۇ، قول-پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى بولۇشى مۇمكىن
قول-پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنى ئۈچەي يولى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. قىزىش بىلەن بىللە، قول، پۇت، ئېغىز بوشلۇقى، ساغرىسىغا قىزىل ئەسۋە ياكى كىچىك سۇلۇق قاپارتما چىقىپ، بالىلار ئېغىزى ئاغرىش سەۋەبلىك تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشتا: قولنى پات-پات يۇيۇش، پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، قايناقسۇ ئىچىش، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئاپتاپسىنىش تەدبىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. EV71 ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇپ ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






