تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ئىككى كىچىك ۋوگزالدا، شاۋقۇن - سۈرەن يوق، ئەمما تولىمۇ ئىللىقلىققا تولغان

قاتناش يول تورى گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، يولۇچىلار ئېقىمى، كىرىش - چىقىش مىقدارى ئېنىقكى، بىر بېكەتنىڭ قىممىتىنى باھالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم بولۇپ قالدى. ئەمما تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكى، لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا، كۈندىلىك يولۇچى ئېقىمى ئاران نەچچە ئون ئادەم بولغان مىرەن ۋوگزالى ئېقىم مىقدارىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان رېلىس ئارقىلىق لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولدى. شاۋقۇن - سۈرەن يوق، ئەمما تولىمۇ ئىللىقلىققا تولغان بۇ چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى 5 - دەرىجىلىك كىچىك ۋوگزال تەرەققىيات مەنزىرىسىدە «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئىللىق ئاساسىي رەڭنى جانلىق نامايان قىلدى.

ئىلگىرى، بىڭتۇەن 2 - شى 36 - تۇەن مىرەن بازىرىنىڭ قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، بىپايان چۆللۈك ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىش قەدىمىنى چۈشەپ قويغانىدى. 2020 - يىلى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، مىرەن ۋوگزالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور تۆمۈريول تورى ئىچىدە، ئۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر كىچىك ۋوگزال، لېكىن لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، بىر ۋوگزالنىڭ كۆپىيىشى بولۇپلا قالماي، يەنە گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىش بەخت دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئىدى. ۋوگزالنىڭ مۇقىم ئېچىلىش - يېپىلىش ۋاقتى يوق، ئىش ئۈنۈمى پايدا - زىيان ئارقىلىق بېكىتىلمەيدۇ، پەقەت نەچچە ئون يولۇچى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىنىپ، تەرەققىيات پايدىسى قاتناشنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە دەل جايىدا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىللىقلىقنىڭ ئارقىسىدا دەل خەلق تۇرمۇشىنى سەمىمىيلىك ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن قوغداش بار.

شىنجاڭدىكى تاغ - دەريالار ئارىسىدا، بۇنداق ئۈن - تىنسىز ئەمما قايناق ھېسسىياتقا تولغان چىڭ تۇرۇش پەقەت مىرەن ۋوگزالىغىلا خاس ئەمەس. يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدىكى يۈئېرگوۋ ۋوگزالىدا يولۇچىلار پويىزغا چىقىش - چۈشۈش كەسپىنى بېجىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى يول تورىغا يەنە ئىللىق ئاساسىي رەڭ قوشۇلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ كونا ۋوگزال ئىلگىرى تۆمۈر يولنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبىدىن يولۇچى توشۇش تەرتىپىدىن تەدرىجىي چېكىنىپ، جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، يۈئېرگوۋ ۋوگزالى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىسىدىكى نەچچە ئون شەھەر - بازارنى قاپلىغان ئىككى قېتىملىق «ئاستا پويىز» بۇ جايدا توختايدىغان بولدى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئالغۇي بازىرى ھەم ئەتراپتىكى ئاھالىلەر باشقا جايغا بېرىپ پويىزغا ئولتۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

ئىشلىتىشتىن توختاشتىن قايتا ئىشلىتىلىشكىچە، دەۋرگە ماسلىشىپ سۈرئەتنى تېزلىتىشتىن خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىشقا قايتىشقىچە، يۈئېرگوۋ ۋوگزالى ئۆزگىرىپ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، مىرەن ۋوگزالىنىڭ چۆللۈكتە چىڭ تۇرۇشىغا يىراقتىن ماسلىشىپ، تەرەققىياتتا سۈرئەت ۋە ئۈنۈم بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، خەلق تۇرمۇشىنىلا كۆزلەيدىغان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئورتاق ئىزاھلىدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان رېلىسقا يۈكلەنگىنى خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسى، نامايان بولغىنى تەرەققىيات ھارارىتى. چۆللۈكتە يىلتىز تارتقان بۇ خەلق تۇرمۇشى كوردېناتلىرى بەختنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىر چەت، خىلۋەت جايلارغىچە يەتكۈزدى.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.