− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زىيارەت ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ خەيشىڭ بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ليۇ خەيشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، دۇنيا دىپلوماتىيەسى يەنە بىر قېتىم «جۇڭگو پەيتى»گە كىردى. زىيارەت دەل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىغا توغرا كەلدى. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ھەم چوڭقۇر رەسمىي سۆھبەتلەشتى، ھەم ئەركىن - ئازادە سەيلە قىلدى، يەنە سەمىمىي ھالدا ئائىلىۋى شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىپ، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. خۇددى باش شۇجى جىن جېڭئېن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئېيتقاندەك، چاۋشيەن تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چاۋشيەن خەلقى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ قىزغىن قارشى ئالدى. باش شۇجى جىن جېڭئېن ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى، جىنرىچېڭ مەيدانىدا كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىگە پۈتۈن مۇساپىلىك ھەمراھ بولدى. چاۋشيەن تەرەپ يەنە بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۈچۈن سەرخىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بارغانلىكى جايدا، قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئامما توپ - توپ بولۇپ چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلدى، يول بويىدا كېتىۋاتقان خەلق ئاممىسىمۇ قەدىمىنى توختىتىپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئۆزلۈكىدىن قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. بۇ كۆرۈنۈشلەر، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلاردىن بىز چاۋشيەن تەرەپنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە مۇستەھكەم ئۇلىنى تولۇق ھېس قىلدۇق.
ليۇ خەيشىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەۋقەنى ئىككى تەرەپكە قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كېلەچىكىنى يارىتىپ، تىنچلىق، تەرەققىياتقا ئاكتىپ كۈچ قوشتى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا: زىيارەتتە بولغان ۋاقتى ھالقىلىق پەيتكە توغرا كەلدى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ قارىدى. زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئاساسلىق نەتىجىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى رول تۇتۇپ يول باشلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى
ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى ۋە تۈپ كاپالىتى. بۇلتۇر، باش شۇجى جىن جېڭئېن تەكلىپ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم پىكىرنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ياخشى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپلا پىڭراڭغا كېلىشى چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى، بۇ، چاۋشيەن تەرەپ ئۈچۈن غايەت زور ئىلھام. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە قوشنا بولغانلىقىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئورتاق غايە - ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقىمىزدا ھەم بۇنى ئۆزئارا قەدىرلەيدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىمىزدا.
ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش ھەمدە ئۆزئارا خەت ۋە تېلېگرامما، ئاغزاكى ئۇچۇر يوللاش، ئۆزئارا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نىڭ جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، شەرتنامە ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى ئورتاق خاتىرىلەشنى قارار قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، تارىخنى قايتا ئەسلەپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلدى؛ ھەم چاۋشيەننىڭ ئاساسلىق تاراتقۇسىدا «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى.
ئىككىنچى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە دوستانە ئالماشتۇرۇش چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى ۋە 15 - نۆۋەتلىك ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلام دوستانە ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى ھەم بىرلىكتە بىر تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى تىكتى. ئاق شەمشاد دەرىخى تۆت پەسىل كۆكىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى. باش شۇجى جىن جېڭئېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى ۋە 15 - نۆۋەتلىك ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋرنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا كۈتۈۋالىدىغان پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلىشىش يولىدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۇنجى يىلى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى كېيىنكى قەدەمدىكى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى كونكرېت پىلانلىدى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ياشلار، يەرلىك، دوست شەھەرلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ باراقسان ئۆستۈرۈش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
ئۈچىنچى، دەۋر ئېقىمى ۋە تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ قوشتى
رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىنچ، مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن ھازىرقى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاشقى شارائىت يارىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. يېڭى دەۋردىكى چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، چاۋشيەن تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى. چاۋشيەن تەرەپ چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرىكىدەكلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئىستراتېگىيەلىك ئىشى دەپ بىلىپ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشىدۇ.
ليۇ خەيشىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا، جاھاندىكى توغرا يولدا قەتئىي مېڭىش كېرەك؛ دەھشەتلىك دولقۇنغا ئۇچرىغاندا، ھەقىقەت ئېگىز يەلكىنىنى بىرلىكتە چىقىرىش كېرەك. جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى، باشتىن - ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.






