− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ لىبىن، شۈ شۇندا، جوۋ يىڭ
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۇنيا دېڭىز - ئوكيان كۈنى، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ باش تېمىسى «كۆپكۆك دېڭىزنى قوغداش، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىش».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىشلىرىنى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، دېڭىز - ئوكياننى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدىن كۆپكۆك دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئوكيان پاراخوتىغىچە؛ كېچە - كۈندۈز ئالدىراش زامانىۋى پورتلاردىن مۇز بىلەن قاپلانغان قۇتۇپ رايونىدىكى جۇڭگو ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە − جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىش ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېرىشىش، كەسىپ ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش
گۈدۈك ئۇزاققىچە ياڭرىدى، بۇژغۇنلار مەۋج ئۇردى. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، «ئەيدا . خۇاچېڭ ناملىق» چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار پاراخوتى دېڭىزدا 12 كۈندۈز، 11 كېچە سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغاندىن كېيىن، شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق پىرىستانىغا ئاستا - ئاستا كىردى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار پاراخوتى سىناق تەرىقىسىدە قاتناپ «بىر قېتىمدىلا ئۆتكەلدىن ئۆتتى»، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ يولۇچىلار پاراخوتى كەسپى تۈركۈملەپ ياسىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
«دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى، دېڭىز - ئوكيان پەن تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەمىزگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېڭىز ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت رېئاللىققا ئايلانماقتا.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوكيان بۇرغىلاش - چارلاش پاراخوتى «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت پۈتۈپ سەپكە كىردى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 100 مىڭ تونناژلىق دېڭىز ئۈستى نېفىت سۇپىسى «شېنخەي 1 - نومۇر» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «جياۋلۇڭ» ناملىق چۆككۈ بىلەن «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپتا ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش مەشغۇلاتىنى ھەمكارلىشىپ تاماملىدى، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، چوڭقۇر دېڭىزدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى.
سانلىق مەلۇمات ھالقىشقا گۇۋاھ بولدى، پەن - تېخنىكا كەسىپكە تۈرتكە بولدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 9 تىرىليون يۈەنلىك، 10 تىرىليون يۈەنلىك، 11 تىرىليون يۈەنلىك ئۈچ پەللىگە قەدەم قويدى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، پاراخوتنى ياساپ پۈتتۈرۈش مىقدارى، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %46 ۋە %195.2 ئاشتى.
جېجياڭ جوۋشەندىكى يۈشەن ئارىلى ئارانلا نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تاتلىق سۇ بايلىقى يوق دېيەرلىك. جېجياڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ يىلىغا 40 مىليون توننا نېفىت ئايرىش بىر گەۋدىلەشكەن تۈرى بۇ جايدا قەد كۆتۈردى. «قىزدۇرۇش ئۇسۇلى + ئۆتكۈزگۈچ پەردە ئۇسۇلى»دىن ئىبارەت قوش چاقلىق قوزغىتىش ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈنىگە 515 مىڭ توننىدىن ئاشتى − دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسى نېفىت خىمىيە شەھىرىنى دېڭىزدا «ئۆسۈپ يېتىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
دېڭىزدىن تاتلىق سۇ ئېلىش، دېڭىزدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېلىش. شەندۇڭ چىڭداۋدا، يۈزمىڭ كىلوۋات دەرىجىلىك زاۋۇتلاشقان دېڭىز سۈيىدىن بىۋاسىتە ھىدروگېن ئېلىش تۈرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشكەن ۋاقتى 1000 سائەتتىن ئاشتى. خەينەندە پەن تەتقىقات كوللېكتىپى دېڭىز سۈيىدىن ئۇران بايلىقى ئېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ھىدروگېن ۋە ئۇران ئېلىش كەلگۈسىدە پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە يۈزلىنىشتىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىكنى كۆرسىتىپ بەردى. جېجياڭدا دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىگە تايىنىپ توك چىقىرىش تېز يۈكسەلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئېنېرگىيە جابدۇق تېخنىكىسى دۇنيادا بىرىنچى سەپكە كىردى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى بىرتۇتاش بەرپا قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر دېڭىز، قۇتۇپ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈسكۈنىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارغا ئالاقىدار «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىدۇ.
دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتا كارخانا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدە، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى. دۆلىتىمىز تېخىمۇ كۆپ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنى «دېڭىزغا يۈزلىنىش»كە يېتەكلەپ، «دېڭىز - ئوكيان ئىختىساسلىقلىرى» مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويۇپ، دېڭىز - ئوكيان كەسپى بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش. يېشىل، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى دېڭىز - ئوكيان كەسپى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئېقىم ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. چوڭقۇر دېڭىز - ئوكيانلارغا يۈزلىنىپ «دېڭىز - ئوكيان دورا ئامبىرى» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ − 2030 - يىلىغا بارغاندا، دېڭىز - ئوكيان ئىجادىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 130 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېڭىز - ئوكيان موتورى قوزغىتىلىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلانماقتا.
بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش
شىجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى جەنۇبقا قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، نەنخەي دېڭىزى دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا. 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ تايانچ قۇرۇلۇشى بولغان پىڭلۇ قانىلىغا پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ يەتكۈزۈلدى ھەم بۇ يىل 9 - ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ − «سۈنئىي دەريا» ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دەريا ئېقىنلارنى بىپايان دېڭىز بىلەن تۇنجى قېتىم زىچ تۇتاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىللىق جۇغراپىيەلىك توسۇق بىراقلا ئېچىۋېتىلىپ راۋانلاشتۇرۇلدى.
«دەريا بىلەن دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ، دەريا - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسىپورتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭ 2023 - يىلى گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بەرگەن يوليورۇق پات ئارىدا ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن تاغلىق رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماس تەرەققىيات غايەت زور بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرمەكتە. چاڭجياڭ دېلتىسىدا سىياسەت راۋانلاشتى، كەسىپ زەنجىرى تۇتاشتۇرۇلدى؛ چۇڭچىڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى تۆمۈر يول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك پۈتۈن ئاپتوموبىل قاچىلانغان يۈك ساندۇقلىرى قاچىلانغان پېتى ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، سەنشى لۈلياڭ - نىڭبو جوۋشەن پورتى، خېنەن شىنشياڭ - رىجاۋ پورتى قاتارلىق نۇرغۇن دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى ئېچىلدى. كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، دەريالار دېڭىزغا قۇيۇلدى، قانال دەريا بىلەن دېڭىزنى تۇتاشتۇردى.
«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلغان ئەمەلىيەت قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز - ئوكيانلارغا قاراپ كېڭەيدى. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دەريا تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز - ئوكيانغىچە بولغان قوغداش، ئىدارە قىلىش چوڭ ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ پۈتكۈل ۋادىسىدا يۇقىرى ئېقىنىدا سۇ مەنبەسىنى ساقلاشتىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا دەريا - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشكىچە، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا ئۈچ دەريا مەنبەسى بولغان «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى قوغداش - يېتىشتۈرۈشتىن دېلتىدا سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە، مەۋقە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشقا قويۇلدى. ئېگىزلىكتىكى بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار بىرلەشمە تىرانسپورت لىنىيەسى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلدى، دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى شورلۇق يەرلەرنى ئوزۇقلاندۇردى.
بىرتۇتاش پىلانلاش تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، قوغداش ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈن. خۇاڭخې دەرياسى دېلتىسىدىن چۇڭمىڭ ئارىلىغىچە قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچماقتا؛ خۇاڭيەن ئارىلىدىن رېنئەي خادا تاشلىرىغىچە، بېلىقلار دېڭىزدا ئەركىن ئۈزمەكتە. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 820 كىلومېتىر، دېڭىز بويى سۇلۇق يېرى 760 مىڭ مو بولدى، مارجان خادا تاشلىرى قاتارلىق تىپىك دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەلالىشىش نىسبىتى %60تىن ئاشتى، مانگروۋا ئورمىنى كۆلىمى 465 مىڭ موغا يەتتى − دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئاز ساندىكى مانگروۋا ئورمىنى كۆلىمى ساپ ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز دېڭىز - ئوكيانغا ھاياتلىققا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆيۈنۈشىمىز كېرەك.» بۇنى تۈپ قوللانما قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئادەم بىلەن دېڭىز ئىناق ئۆتۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ: بوشلۇقنى پىلانلاشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونى ۋە چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ؛ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى تۈرگە ئايرىپ قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆك دېڭىز قولتۇقى، گۈزەل قىرغاق ساھىلى، ئىناق، گۈزەل ئارال ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ؛ دېڭىز - ئوكياندىن كاربون يىغىش بويىچە ھېسابلاش ۋە سودىلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. زۇمرەتتەك دېڭىز، كۈمۈش ساھىلنى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىقنى كۆپكۆك دۇنيادا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بوشلۇققا ئېرىشىش، دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش
تاڭ نۇرىدا، غايەت زور پاراخوتلار گۈدۈك ياڭرىتىپ يولغا چىقىپ، نىڭبو جوۋشەن پورتىدىن بەش چوڭ قىتئە، تۆت چوڭ ئوكيانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 311 يۈك ساندۇقى دېڭىز لىنىيەسى خۇددى مېرىدىيان ۋە پاراللېل سىزىقلىرىدەك دۇنياۋى ئەشيا ئوبوروت تورىنى توقۇپ، 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 700دىن ئارتۇق پورتنى تۇتاشتۇردى − نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 17 يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
«تۈمەنلىگەن پاراخوتلار جەم بولغان» بۇ مەنزىرە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر، دېڭىز - ئوكياننى ۋاسىتە ۋە رىشتە قىلغان بازار، تېخنىكا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا دېڭىزدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان بەخت - سائادىتىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان».
دېڭىز يىپەك يولى ئۈزلۈكسىز ئۇزارماقتا، «دېڭىز - ئوكيان دوستلار چەمبىرىكى» كېڭەيمەكتە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز 50 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز - ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى> بويىچە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن باشقا رايونلاردىكى دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش كېلىشىمى»گە تۇنجى تۈركۈمدە ئىمزا قويغان دۆلەتكە ئايلىنىپ، كۆپ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. دېڭىز قولتۇقى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ «شيامېن ئەمەلىيىتى» تەجرىبىسى دۇنيانى ئادەم بىلەن دېڭىز ئىناق ئۆتىدىغان جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
«بۇ زور پەن - تېخنىكا قۇرۇلمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مېڭشياڭ» ناملىق ئوكيان بۇرغىلاش - چارلاش پاراخوتى پۈتۈپ سەپكە كىرگەن چاغدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنى يادرو قىلغان چوڭقۇر دېڭىزنى بۇرغىلاش - چارلاش تېخنىكا جابدۇقلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى يۈرۈش 10 مىڭ مېتىر دەرىجىلىك پۈتۈن دېڭىز، چوڭقۇر دېڭىز ئاستى ئېلېكتىر ماگنىت جابدۇقى، خەلقئارادىكى تۇنجى يۈرۈش تىك يۆنىلىشلىك يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇرغىلاش تېخنىكىسى ھەم جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى − يەر پوستىنى تېشىش، موخو يۈزىگە تېگىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش. دۆلىتىمىز چوڭقۇر دېڭىزدا كان ئېچىش، ئوچۇق دېڭىز قوغداش رايونى، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇھىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا قائىدىلەرنى تۈزۈش ۋە قارالمىلارنى تەسىس قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ − دۇنياۋى دېڭىز - ئوكيان ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
تىنچلىق گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش. جېڭ خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلىپ تىنچ يول بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىن بۈگۈنكى جۇڭگودىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇرۇشىغىچە، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت دېڭىز - ئوكيان روھى باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ كەلدى. «15 - بەش يىل» ھەم تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىز دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولىدۇ − بۇ، بويسۇندۇرۇش ئەمەس، بەلكى قوغداش؛ يالغۇز ئىگىلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئورتاق بەھرىلىنىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىش يولى ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)






