تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | ئولتۇراق رايون ئىچىدە سۇ يىغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك تېيىلىپ يىقىلىپ كەتسە، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان بازىسى، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىمىز.

  فۇكاڭ شەھىرى ئاھالىسى پا خانىم: مەن ئۆيگە قايتقاندا، 1-قەۋەتتىكى لىفىت ئېغىزىدا يەرگە يىغىلىپ قالغان سۇنى دەسسەپ تېيىلىپ كېتىپ، سۆڭىكىم سۇنۇپ كەتتى، باھالاش ئارقىلىق 10-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلدىم. بۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلدىم، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. شۇ چاغدا بىر قوشنام يەردە يىغىلىپ قالغان سۇ بارلىقىنى كۆرگەچكە، گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ماڭا تۆلەم بېرىشى كېرەكمۇ؟

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ مۇنداق دېدى: سىز يولۇققان بۇ خىل ئەھۋال ئولتۇراق رايوندا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئالدى بىلەن مۇنداق يەكۈن چىقىرىمىز: ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  ئالدى بىلەن، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۆي-جاي مۇلازىمىتى مۇلازىمەتچىلىرى پۈتۈم ۋە ئۆي-جاي مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلىتىلىش خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئۆي-جاي مۇلازىمەت رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى قىسمىنى مۇۋاپىق رېمونت قىلىشى، ئاسرىشى، تازىلىشى، كۆكەرتىشى ۋە تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى مۇلازىمەت رايونىدىكى ئاساسىي تەرتىپنى قوغدىشى، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. لىفىت ئېغىزى ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى رايونىغا تەۋە بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر يۈزى فارفور خىش بولغاچقا، ناۋادا سۇ يىغىلىپ قالسا، يوشۇرۇن خەۋپ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى يىغىلىپ قالغان سۇنى ۋاقتىدا تازىلىمىغان، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورناتمىغان، تېيىلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان، بۇ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق بولۇپ، مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سىز قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يەرگە يىغىلىپ قالغان سۇغا دىققەت قىلماي، تېيىلىپ يىقىلىپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭىز، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك. قانۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنىلا يۈكسەك دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  ئاخىرىدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرگە يولۇققاندا، چوقۇم ئەڭ ئالدى بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، يەنى سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش، سىنلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىنى ساقلاش، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. دەلىل-ئىسپات ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئاساسى، ئىشتىن كېيىن ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات چىقىرالماسلىققا بولمايدۇ. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.