ئىسسىق، بەك ئىسسىق، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئاچساق، يېقىنقى نەچچە كۈندە ھاۋا پۈتۈنلەي ئوچۇق بولۇپ، شىنجاڭغا ياز پەسلىنىڭ ھەقىقىي كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
تومۇز ئىسسىق بولىدىغان ياز كۈنلىرىدە ماروژنى يېمىسەك قانداق بولىدۇ؟
قويۇق سۈت پۇرىقى كېلىدىغان، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە قولدا تەييارلىنىدىغان ماروژنى، چۈچۈمەل تەمدىكى قېتىق دوغاپ، يەنە بىر چىشلىسىڭىزلا سالقىنلىق بېغىشلايدىغان مالوش ... شىنجاڭدا ياز كۈنلىرى خۇشاللىق ناھايىتى كۆپ!
تومۇز يازدا رەت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان «قار گۈللىرى»

سۈرەت/شياۋخۇڭشۇ@ نەفىسەنىڭ ئۆيىدىكى قېتىق دوغاپ
ياز كېلىشى بىلەن، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا قېتىق دوغاپ ساتىدىغان قول ھارۋىسى ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ، ھارۋىغا يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز پارچىسى تىكلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە قېتىق، قۇرۇق مېۋە، ھەسەل قاتارلىق ھەر خىل خۇرۇچلار قويۇلغان.
يايمىچى كىچىك قىرغۇچ بىلەن مۇزنى قىرغاندا مۇز قىرىندىسى بەئەينى قار ئۇچقۇنىغا ئوخشاش قاچىغا ئارقا-ئارقىدىن چۈشتى، ئاندىن يايمىچى ئۇنىڭ ئۈستىگە قېتىق قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا شېكەر قىيامى ياكى ھەسەل قۇيۇپ دوغاپنى تەييار قىلىدۇ.


ئۇششاق مۇز پارچىلىرى قارىماققا يىرىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئېغىزغا سالغان ھامان ئېرىپ كېتىدۇ، قېتىقنىڭ چۈچۈمەل تەمىگە ھەسەل بىلەن شېكەر قىيامىنىڭ تاتلىق تەمى ئارىلىشىپ، بىر يۇتۇم ئىچسىلا پېشانىدىكى تەر تامچىلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن يازنىڭ ئىسسىقى ئاساسىي جەھەتتىن تارقىلىپ كېتىدۇ.


شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە قولدا ياسالغان ماروژنىسى تىلغا ئېلىنسا، ئۇنى ھەقىقەتەن نۇقسانسىز، دېيىشكە بولىدۇ، چوقۇم باھا بېرىشكە توغرا كەلسە «شىنجاڭنىڭ چەكلىك نۇسخىدىكى ماروژنىسى» دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
بۇ خىل ماروژنى قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن، يېگەن كىشى ئاندىن بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق خۇرۇچ قوشۇلمايدۇ، پۈتۈنلەي ھەقىقىي ياخشى ماتېرىياللار ئىشلىتىلىپ ياسىلىدۇ.


يېڭى سۈت، تۇخۇم ۋە شېكەر تۆمۈر تۇڭغا قۇيۇلۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ياساش جەريانىدا بىر تېمىم سۇ ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ، قارىماققا توڭلىتىلغان قايماققا ئوخشايدۇ، بەكلا يېيىشلىك.
ئۇنىڭغا ھەر خىل قۇرۇق مېۋىلەرنى، يەنى بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، گازىر مېغىزى... نى قوشۇپ يېيىشكە بولىدۇ. ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تەمدە قانغۇچە DIY قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئۆرۈكتىن تەييارلانغان ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئىچىملىكى

سۈرەت/شياۋخۇڭشۇ @ چىسۇ گۇەنجۈن
كۆپچىلىكنىڭ خاتىرىسىدە، ئۆرۈك ئاساسلىقى پەسىللىك يېڭى مېۋە، لېكىن، ياز كۈنلىرى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ئۇ ئۆرۈك چېيى قىلىدىغان مۇھىم ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ.
ئۆرۈك چېيىغا ئاساسلىقى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولغان شاختا قۇرۇتىلىدىغان يەرلىك ئۆرۈك تاللىنىدۇ، ئۇنىڭغا چىلان، ئالقات، دولانا قېقى قاتارلىقلار قوشۇمچە قىلىنىدۇ، ئارتۇق شېكەر قىيامى قوشۇلمايدۇ، سۇس ئوتتا كەھرىۋا رەڭگىگە كىرگىچە قاينىتىلىدۇ.

بۇ خىل چايدا ئۆرۈكنىڭ تەبىئىي، يېقىشلىق مېۋە پۇرىقى بولۇپلا قالماي، ئاخىرقى تەمدە يەنە ئازراق چۈچۈمەل تەممۇ بار، ئىچكەندە چوقۇم مۇز قوشۇش كېرەك، بىر يۇتۇم ئىچسىڭىزلا يازدىكى قۇرۇق ئىسسىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.

بىر يېيىشتە ئاشىق بولىدىغان مالوش ماروژنىسى

چۆچەك مالوش ماروژنىسىنىڭ خۇرۇچى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە قولدا ياسالغان ماروژنىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەقەت سۈت، تۇخۇم ۋە شېكەر ئىشلىتىلىدۇ، ناھايىتى يىيىشلىك بولۇپ، خۇددى توڭلىتىپ قويغان قايماققىلا ئوخشايدۇ.


ئۇنى بىۋاسىتە يېيىشكە، شىنجاڭنىڭ قولدا تەييارلانغان مېۋە مۇرابباسى ۋە قۇرۇق مېۋە ئۇۋىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بولىدۇ، مېۋە مۇرابباسىنىڭ چۈچۈمەل تەمى بىلەن ماروژنىدىكى سۈتنىڭ تەمى قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئۆزگىچە تەمنى شەكىللەندۈرىدۇ، يېگەن چاغدا چۈرۈك بولغان قۇرۇق مېۋە ئۇۋىقى يەنە «يېيىش سەپىرى»گە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بېغىشلاپ، قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ.
بۇنىڭغا مۇرەككەپ ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىتىلمەيدۇ، ئورالمىسىمۇ بەك ھەشەمەتلىك ئەمەس، مالوش ماروژنىسى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە تەمىگە تايىنىپ، چۆچەكتىكى كىشىلەرنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھىغا ئايلانغان.

كۆپكۆك ئاسمان، قېنىق يېشىل يوپۇرماق، رەڭدار گۈللەر ... يازدىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا، بارلىق شەيئىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ.
لېكىن، قولىڭىزدا سالقىنلىق بېغىشلايدىغان ماروژنى بولسا، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىن قورقمايمىز، خۇشاللىققا ئېرىشىش ھەقىقەتەن بەك ئاددىي.
ياز پەسلىدە ماروژنى يېيىش بەختلىك مىنۇتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ چەكلىمىسى بار، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېمەڭ(ئىچىڭىز سۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك).






