تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى تاشلىۋەتمەڭ، ئۈرۈمچىدە تۆۋەندىكى تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز

   ئىمتىھان بەرگەن ساۋاقداشلار، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ھەرگىز يىتتۈرۈپ قويماڭلار، ئۈرۈمچى شەھىرى سىلەر ئۈچۈن مەخسۇس پاراۋانلىق تەييارلىدى.

   شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ھەقسىز كۆرەلەيسىز

   6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بورتالا ئوبلاستى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

   ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى پۈتۈن شەھەردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە «ھاردۇق سوۋغىسى» تەييارلىدى، يەنى شۇ كۈنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كىملىكنى تەڭ ئېلىپ بارسا، مۇسابىقە مەيدانىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ.

   ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، نەق مەيداندا ئادەم بىلەن كىنىشكىنىڭ بىردەكلىكى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن شەخسنىڭ چىرايى ماس كەلمىگەنلەر مەيدانغا كىرەلمەيدۇ؛ بۇ پاراۋانلىقتىن پەقەت ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى بەھرىمەن بولالايدۇ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىشكە ياكى باشقىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. مۇسابىقە مەيدانىغا تەرتىپلىك كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا ماسلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، مەسئۇل ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، كۆپ ئورۇندا ھەقسىز سۇ ئىچىش نۇقتىسى ۋە ۋاقىتلىق ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى ھەم پىدائىيلارنى مەيدانغا كىرىدىغانلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەم ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   15 يۈەن بىلەن شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلالايسىز

   6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، 15 يۈەنلىك ئىشىك بېلىتى (ئاپتوموبىل بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئېتىبارى بىلەن شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا بەھۇزۇر ئوينىيالايدۇ. تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغىنى، ھەر بىر ئىمتىھان بەرگۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى نەپەر ئائىلە باشلىقىنى بىللە ئېلىپ كىرسە بولىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىغا ئىشىك بېلىتى %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىگە ئاساسەن، يېرىم باھا (69 يۈەن)دا «باتۇرلۇق بىلەن ياۋايى ھايۋانلار رايونىغا كىرىش»نى ھېس قىلىش ئاپتوموبىل بېلىتىنى سېتىۋالالايدۇ ھەم يەم بېرىدىغان گۆش قۇتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ، يېقىن ئارىلىقتا ھايۋانلارغا يەم بېرىپ، يۈرەك سوقۇش تېزلەشكەن ئاشۇ دەقىقىنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ جەزمەن سىزنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئەسلىمىڭىزدىكى ئەڭ «قالتىس» بىر ئىشقا ئايلىنىشى مۇمكىن.

   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى رايونى يەنە مەخسۇس داكا نۇقتىسى ۋە تىلەك تىلەش تېمى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ھايۋانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەڭ ئۆزگىچە بولغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش خاتىرىسىنى قالدۇرالايدۇ.

    تۆۋەندىكى مەنزىرە رايونلىرى يولغا قويغان ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايسىز

   ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى، مەدەنىيەت سارىيى-مەيدانلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئويۇنى، ئىستىراھەت-دەم ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە مەيدان-سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئويۇنلاردىن بەھرىلىنىش جەھەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شەھەرلىك مۇزېيغا ئالدىن كېلىشمەيلا كىرسە بولىدۇ ھەم ھەقسىز ئاۋازلىق يېتەكلەشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ ئويۇن بېلىتىگە 10 يۈەنلىك ئېتىبار باھادا ئېرىشەلەيدۇ، ئالمىخان تىياتىرخانىسىنىڭ «ئالمىخان قەيەردە» ناملىق ساياھەتچىلەرگە بېغىشلىغان ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ ئېتىبار باھادىكى 29.9 يۈەنلىك C رايون، 39.9 يۈەنلىك B رايون، 49.9 يۈەنلىك A رايون بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بىللە بارغانلارمۇ بازار باھاسى بويىچە %50 ئېتىبار قىلىدىغان بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ (ئىككى كىشى بىلەن چەكلىنىدۇ).

   مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىسى جەھەتتە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (سۈرىتى)گە ئاساسەن، ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسىنىڭ 180 يۈەنلىك ياشلىق خاتىرىسى بېلىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ بۈگۈندىن باشلاپ 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەر بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلسا، 10 يۈەنلىك ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ بۈگۈندىن باشلاپ 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەر ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭ تىرىك ھاشارات مۇزېيىنىڭ يېرىم باھالىق ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، بەييۈن تۆت پەسىل ئىستىراھەت-دەم ئېلىش رايونى بۈگۈندىن باشلاپ 6-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە؛ 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان مۇشۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدىكى ئالاھىدە ئېتىبارلىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 188 يۈەن بىلەن ئائىلە ئۆي ئاپتوموبىلىنى ھېس قىلىش پائالىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ (دۇەنۋۇ بايرىمىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، 17799148959غا تېلېفون قىلىپ ئالدىن كېلىشىش كېرەك).

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.