تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھامىلىدار بولغاندىن تارتىپ بالا تۇغقانغا قەدەر، بۇ يەتتە قېتىملىق پۇلنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

    يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم پۇلى مەبلىغى تارقاتتى، ئۇ جەمئىي 99 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك مالىيەنىڭ يانداشلىرىنى قوشقاندا، بۇ يىل ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 110 مىليارد يۈەن بولۇپ، ھەممىسى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇغۇت ۋە بالا بېقىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

   بالا بېقىش ياردەم پۇلىدىن باشقا، ھامىلىدارلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغاندىن باشلاپ، بالا ئۈچ ياشقا توشقانغا قەدەر، جەمئىي يەتتە قېتىملىق پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

   بىرىنچى قېتىم: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۇغۇت تەكشۈرۈشى ھەققىنى ئاتچوت قىلىش.

   ئايال ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە بولغاندا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش قىلىدۇ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش تۈرى بولسىلا، ھېسابات قىلغاندا چىقىمنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ. مەيلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولسۇن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا نورمال قاتناشسىلا، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   ئايال سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، ئېرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى نورمال تاپشۇرسىلا، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ھەقلەرنى ئاتچوت قىلىشقا ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، خېبېيدا بۇ خىل ئەھۋالدا، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ھەقلەرنىڭ %50ى بويىچە ئاتچوت قىلىشقا بولىدۇ.

   ئىككىنچى قېتىم: بالنېتسىدا يېتىپ تۇغۇش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش

  مەيلى ئۆزى تۇغسۇن ياكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغسۇن، بالا تۇغۇپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا كېتىدىغان داۋالىنىش ھەققىنىڭ سىياسەت دائىرىسىدىكى قىسمىنى ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا بىۋاسىتە راسچوت قىلسىلا بولىدۇ. باشقا جايدا تۇغقان تەقدىردىمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى ئالدىن ياخشى قىلسىلا، ئاتچوت قىلىش تەمىناتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

   ئۈچىنچى قېتىم: تۇغۇت ياردەم پۇلى، يەنى كۆپچىلىك دائىم دەيدىغان تۇغۇت دەم ئېلىشى مائاشى.

  بۇ، مەخسۇس تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت پاراۋانلىقى بولۇپ، شەخسلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشى ھاجەتسىز، ياردەم پۇل بىۋاسىتە شەخسنىڭ بانكا ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. جېجياڭنىڭ خاڭجوۋ قاتارلىق جايلىرىدا، ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن باشقا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللارمۇ تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  دىققەت: ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر گەرچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خوتۇنىنىڭ خىزمىتى بولمىسا، پەقەت تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنىلا ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ، بۇ ياردەم پۇلنى ئالالمايدۇ.

   تۆتىنچى قېتىم: 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە بالا بېقىش ياردەم پۇلى.

   ھەربىر بالىغا بىر يىلدا 3600 يۈەن، ھەر ئايدا 300 يۈەن تارقىتىلىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۈچ ياشقا توشقانغا قەدەر تارقىتىلىدۇ. ئائىلىدە كۆپ بالىسى بارلارغا پاراۋانلىقنى قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ، يەنى ھەربىر بالا بۇ ياردەم پۇلدىن ئايرىم بەھرىمەن بولىدۇ. دىققەت، بۇ ياردەم پۇلنى ئاتا-ئانىلار ھەر يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

   كۆپچىلىك ۋېيشىن، جىفۇباۋدىكى بالا بېقىش ياردەم پۇلى كىچىك پىروگراممىسىدا ياكى شۇ جاينىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدا توردا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ؛ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا باشقارمىسى، يېزا-بازارلاردىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىگە بېرىپ تور سىرتىدا بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

   5-قېتىم: ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە ھەقنى چىقىرىۋېتىش.

   ئائىلىدە ئۈچ ياش ئىچىدىكى بالىلار بولسا، ئاتا-ئانىلار شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى نورمال تاپشۇرغان بولسا، بۇ تۈردىكى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھەربىر بالىنىڭ ھەر ئايدا توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۆلچىمى 2000 يۈەن. ھەر يىلى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرغاندا ئىلتىماس قىلسىڭىز، ھەقىقەتەن بىر قىسىم پۇلنى تېجەپ قالالايسىز.

   6- قېتىم: ئەر تەرەپنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش ياردەم پۇلى.

   بۇ پاراۋانلىقتا ھەرقايسى جايلارنىڭ سىياسىتى ئانچە ئوخشىمايدۇ. ياردەم پۇلى بارمۇ-يوق، ياردەم پۇلىنىڭ سوممىسى قانچە، ھەربىر جاينىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشىمايدۇ. ھەرقايسى دادىلار شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، شۇ جايدا بۇ پاراۋانلىقنىڭ بار-يوقلۇقىغا، قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەكلىكىگە قاراپ باقسا بولىدۇ.

   7-قېتىم: مەخسۇس تۇغۇت مۇكاپاتى.

   ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن جايلار يەنە مەخسۇس تۇغۇت مۇكاپاتى سىياسىتىنى چىقاردى. كۆپ قىسىم رايونلار ئىككى-ئۈچ پەرزەنتى بار ئائىلىلەر ياكى شۇ جاي نوپۇسىدىكى ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىدۇ، ياردەم پۇلى شەكلىمۇ ناھايىتى جانلىق بولۇپ، بەزىلىرىگە بىر قېتىمدىلا نەق پۇل مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، بەزىلىرىگە ئاي، يىل بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆز جايىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سىياسىتىگە كۆپرەك دىققەت قىلسا بولىدۇ.

   ​بۇ پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە، بىزدەك ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇغۇت، بالا بېقىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش نىشان قىلىنغان، بۇ جەھەتتە مەركەز بىلەن يەرلىكنى نۇرغۇن چارىلەرنى ئويلاپ چىقتى دېيىشكە بولىدۇ، ھەرقايسى ئاتا-ئانىلارمۇ سىياسەتنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

«مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.