ئاپتورلار: يې شياۋپىڭ، پەرھات ئابلىمىت، ئابدۇرۇسۇل ھاپىز
باش ياز مەزگىلىدە، شىنجاڭ پوسكام يەكەن دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، ئاققوتانلار ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ماكانغا ئايلاندى.

سۇلۇق يەرگە كىرگەندە، تۇتاش كەتكەن ياپيېشىل قومۇشلارنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلارنى، ئاققوتانلارنىڭ پات-پات كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، قۇشلارنىڭ سايرىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش، مۇداپىئە رېشاتكىسى قۇرۇلۇشى، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش-قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، سۇلۇق يەر باغچىسىدا 105 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋان، 79 خىل قۇش تۈرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن 1-، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئون خىل.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






