تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئالتاي: ياۋا كۆك چىغىرتماق، يىرىكلىك ئىچىدىكى نەپىسلىك

    ياز كۈنلىرىدىكى ئالتاي تېغىدا سالقىن شامال چىقىپ تۇراتتى، ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغان بىر تۆپىلىكتە، بىرنەچچە توپ كۆك چىغىرتماق پورەكلەپ ئېچىلىپ، تاغ-دالىلاردا كۆزنى قاماشتۇراتتى.

   بۇ بىرنەچچە توپ ياۋا چىغىرتماق تەبىئەتنىڭ سىممېترىك ئېستېتىكىسىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى: ئالتە تال گۈل بەرگى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنۈپ يېيىلغان، سىرتقى قەۋەتتىكى ئۈچ تال گۈل بەرگى تىك بولۇپ، خۇددى قانات قېقىپ ئۇچماقچى بولۇۋاتقان كېپىنەكنىڭ قانىتىغا ئوخشايتتى، سۇس كۆك رەڭلىك گۈل بەرگىدە گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيدىغان ئىنچىكە سىزىقچىلار بار ئىدى، گىرۋىكىدە يەنە ئۇششاق بۇرۇتچىلار بار بولۇپ، شامال چىقسىلا يېنىك تەۋرىنەتتى؛ ئىچكى قەۋەتتىكى ئۈچ تال گۈل بەرگى تىك بولۇپ، خۇددى شامالدا يېيىلغان سۇس كۆك رەڭلىك بايراققا ئوخشايتتى، يەڭگىل ھەم نەپىس ئىدى.

   ئالتاي ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، سوغۇق بىلەن ئىسسىقنىڭ ئۆزگىرىشى زور پەرقلىنىدۇ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، شامال كۆپ ھەم كۈچلۈك. بۇ رايوندىكى چۆللۈك ۋە قاقاس تۆپىلىكتە، تۇپراق شالاڭ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، كۆپ ساندىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يىلتىز تارتىشى قىيىن بولغان ناچار مۇھىت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ياۋا كۆك چىغىرتماق ئىنتايىن كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىقىغا تايىنىپ بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتتى − ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى قورام تاشلىق يوچۇقلارغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ سۇ تەركىبىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، قىلىچسىمان يوپۇرمىقى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقسىمان كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە مۇكەممەل ماسلاشقان بولۇپ، ئالتاي تېغى قاقاس تۆپىلىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان مەۋجۇتلۇققا ئايلانغان.

(ئاپتور: دەي ۋېيلى ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.