تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىدە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چى چى

لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويى، ۋەنپىڭ شەھىرى ئىچى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

1525 پارچە سۈرەت، 3237 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى... كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەر قەدىمىنى توختىتىپ زەن قويۇپ كۆرۈپ، «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!» دېگەن تارىخنىڭ ئەكس ساداسىنى ھېس قىلدى.

400 مىليون جۇڭگو خەلقى 14 يىل قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، 5098 كۈن تىز پۈكمەي قارشىلىق كۆرسەتتى... دۆلەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، كىم ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولالىدى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىگە تىرەك بولۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى!»

ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللارنى ئەسلىسەك، تاغ - دەريالار تىز پۈكمىگەن، قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

1931 - يىلى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان 18 - سېنتەبىر ۋەقەسى پارتلىدى، 1932 - يىلى 2 - ئايغا كەلگەندە، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكە ياپونىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنىغا ئايلىنىپ قالدى، شەرقىي شىمالدىكى 30 مىليون قېرىنداش ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى.

مىللەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشلامچىلىق بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قوراللىق قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم خىتابنامە ئېلان قىلىپ، قارار چىقىرىپ، ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئېزىلگۈچى خەلق ئاممىسىنى مىللىي ئىنقىلاب ئۇرۇشى ئارقىلىق ياپون جاھانگىرلىكىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى.

1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياپونىيە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتكە دۇچ كەلدى.

«بېيپىڭ - تيەنجىن خەۋپ ئىچىدە قالدى! خۇابېي خەۋپ ئىچىدە قالدى! جۇڭخۇا مىللىتى خەۋپ ئىچىدە قالدى! پەقەت پۈتكۈل مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلغاندىلا، ئاندىن بىزنىڭ چىقىش يولىمىز بولىدۇ!» 7 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈزبېرىپ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ: «پۈتۈن جۇڭگودىكى قېرىنداشلار، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي بىرلىك سەپنىڭ مۇستەھكەم سېپىلىنى ھاسىل قىلىپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرايلى!» دەپ چاقىرىق قىلدى.

يولداش ماۋ زېدۇڭ «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا»نى يېزىپ، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك باش فاڭجېنىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت؛

پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنى «يەڭگىلى بولمايدۇ» دېگەن سەپسەتىنى بىتچىت قىلدى، 100 تۇەن ئۇرۇشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلدى؛

پىستىرما ئۇرۇشى، مىنا ئۇرۇشى، لەخمە ئۇرۇشى قاتارلىق پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى، ئۇرۇش ئۇسۇلىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلدى...

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باش فاڭجېنى ۋە بىر يۈرۈش خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، قالتىس سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى ۋە توغرا ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلغان ۋاقتى ئەڭ بالدۇر، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى تىنچلىق، دېموكراتىيەنى سۆيىدىغان بارلىق كۈچلەرنى بىرلىشىپ فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشقا كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

قاراڭغۇنى بۆسۈپ ئۆتكەندىلا، ھامان يورۇقلۇقنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

«ياپونىيە تەسلىم بولدى!» 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «داگۇڭباۋ گېزىتى»نىڭ باش بېتىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ نومۇرلۇق بەش قوغۇشۇن خەت چوڭقۇر سالماقنى ئىگىلىدى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك بېغىشلىمىسى «شىنخۇا گېزىتى»نىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە بېسىلدى: «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەيمىز، ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازادلىقى!»

«بۈگۈن ھەممە ئوخشاش بىر ھېسسىياتتا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ تۆھپىسىگە تەنتەنە قىلدى.» يەنئەندە، كىشىلەر خۇددى دولقۇندەك مەۋج ئۇردى، سانسىزلىغان مەشئەل باۋتاشەن تېغىنى يورۇتۇپ، يەنخې دەرياسىنى قىزىل رەڭگە كىرگۈزدى. چۇڭچىڭدا، كوچا - كويلاردا پوجاڭزا ئاۋازى، داقا - دۇمباق ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. تەيۋەندە، قېرىنداشلار پانۇس ۋە لېنتىلارنى ئاستى، ئەجدادلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بېسىلىپ قالغان خورلۇق پاك - پاكىز تۈگىدى...

ئۇلۇغ تارىخىي غەلىبە ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىق كۈچى مۇجەسسەملەندى.

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى ئېگىلمەس - سۇنماس جاسارىتى بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن مۇستەھكەم سېپىل قۇرۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.»

پولات قوشۇن مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى، جەڭ بۈركۈتلىرى غۇيۇلداپ ئۇچتى، بايراقلار لەپىلدىدى، يەتتە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى بوشلۇقتا 14 يول رەڭلىك ئىس چىقىرىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىق ئاسمىنىدا، شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىندى.

يول ئۇزۇن، ئاخىرقى چېكى يوق.

تارىخىي ھالقىش، دەۋر ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالساق، جاۋابى چەكسىز ئېنىق: پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا خەلقنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، «دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش»تىن «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»، يەنە «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ مۇساپىنى ئاچالايدۇ.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىغاندەك: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.