تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«مەڭگۈلۈك تارىخىي ئەسلىمە»

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، ياڭ يىجۈن، خەن لياڭ

پىدائىيلار مارشىنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى چاۋشيەن پىڭراڭدىكى مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدە ياڭراپ، 70 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ تۇپراقتا جەڭ قىلغان قەھرىمان ئوغۇل - قىزلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ھەمراھ بولدى.

ئەتراپتىكى يېشىل تاغلار قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى، ياپيېشىل قارىغايلار مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇلۇغۋار روھ ئەتراپقا تارالغانىدى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يانمۇيان تۇرۇپ، يۈكسەك ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى بىرلىكتە ياد ئەتتى.

ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدى.

1959 - يىلى ياسالغان جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى مەنزىرىسى گۈزەل تاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مۇنار گەۋدىسى 1025 پارچە گىرانىت تاش ۋە مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، 1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى قەھرىمان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى يۇرت ۋە ۋەتەننى قوغداش، تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان كۈن خاتىرىلەنگەن.

ئابىدە تىنچ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلانغان تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلغان دوستلۇقنىڭ سىمۋولى.

دوستلۇق مۇنارىنىڭ گەۋدىسىگە مۇنداق يادنامە ئويۇلغان:

«جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار! سىلەر ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرت ۋە ۋەتەننى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بۇ زېمىندا جەڭ قىلىپ، ئورتاق دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدىڭلار. سىلەر قالدۇرغان ئۆچمەس تۆھپىلەر، چاۋشيەن - جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىنتېرناتسىيونالىزملىق دوستلۇقى گۈللەپ ياشنىغان بۇ تۇپراقتا مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ.»

ئىككى نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، گۈل سېۋىتىنى مۇنار ئۇلىنىڭ ئالدىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. قىپقىزىل تاۋار لېنتىغا قېنىق سېرىق رەڭدە: «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

ھەربىي ئوركېستىر ئورۇنلىغان مۇڭلۇق مۇزىكا كىشىلەرنىڭ خىياللىرىنى ئاشۇ مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇرۇش يىللىرىغا باشلاپ كەتتى. نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن دوستلۇق مۇنارىنى ئايلىنىپ، مۇنار گەۋدىسىدىكى قاپارتما نەقىشلەرنى تەپسىلىي كۆردى: پىدائىي قىسىمنىڭ جەڭچىلىرى دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقلىرىغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى، چاۋشيەن خەلقى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەردى، ئاشلىق ۋە دورا يەتكۈزۈپ بەردى، يارىدارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى... جانلىق كۆرۈنۈشلەردە كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماي، ئاخىرغىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھرى تەسۋىرلەنگەن.

دوستلۇق مۇنارى ئىچىدىكى يۇمىلاق شەكىللىك خاتىرە زالىدا، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر پارچە ماي بوياق رەسىمدە، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىشتەك جاسارەت پۈتۈلگەن تارىخىي داستان نامايان قىلىنغان −

بۇ، چاۋشيەن خەلقى ياشانغانلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلەپ، پىدائىي قىسىمنى قارشى ئالغان تەسىرلىك كۆرۈنۈش، بۇ، پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرى بىلەن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى جەڭچىلىرى ئۇچراشقان چاغدىكى قىزغىن قۇچاقلىشىش، بۇ، ياڭ گېنسىنىڭ پارتلاتقۇچ دورا بوغچىسىنى قۇچاقلاپ، دۈشمەننى ھالاك قىلىپ ئۆزى قۇربان بولغاندىكى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى، بۇ، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئوقىنى توسۇشى...

يەتتە يىل ئىلگىرى، بۇ جايغا كېلىپ زىيارەت قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ جايدا «جۇڭگو خەلقىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان خۇاڭ جىگۇاڭ، چيۇ شاۋيۈن، ياڭ گېنسى، لو شېڭجياۋ قاتارلىق پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئىسمى ۋە ئوبرازى بار، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم خەۋەردار.»

مۇشۇ پەيتتە، بۇ تارىخنى يەنە بىر قېتىم قايتا ئەسلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ، ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش بىز ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىي ئەسلىمىسى، ھازىر يەنە جۇڭگو ئەۋلادلىرىغىمۇ تارقالدى.»

خاتىرە زالىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى مەرمەر تاش سۇپىدا، 1958 - يىلى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى سىياسىي بۆلۈمى ئىشلىگەن پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكى قويۇلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆردى، سارغىيىپ كەتكەن قەغەز بەتلىرىگە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، يۇرتى، قۇربان بولغان يىل، ئاي قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغانىدى.

«لى شياڭ، جۈنجاڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، يۇرتى: جياڭشى يۇڭشىن، قۇربان بولغان يىل، ئاي: 1952 - يىلى 7 - ئاي.»

«سەي جېڭگو، مۇئاۋىن جۈنجاڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، يۇرتى: جياڭشى يۇڭشىن.»

«ماۋ ئەنيىڭ، كاتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، يۇرتى: خۇنەن شياڭتەن، قۇربان بولغان يىل، ئاي: 1950 - يىلى 11 - ئاي.»

...

ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ قەھرىمان پەرزەنتلىرى، ئۇلار خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. قەغەز يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سارغىيىپ كەتتى، لېكىن ئەسلىمە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.»

قۇياش نۇرىدا، ۋەتەندىكى تۇغقانلار تەقدىم قىلغان رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن دوستلۇق مۇنارىغا ئويۇلغان گۈل نەقىشلىرى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

تونۇش مېلودىيە قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىغاندەك بولدى: «نېمە ئۈچۈن كەڭ زېمىن باھار تۈسىگە كىرىپ تۇرىدۇ، چۈنكى قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى گۈللەرنى پورەكلىتىپ تۇرىدۇ...»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.