6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ياز كىرىشى بىلەن ياغقان تۇنجى يامغۇردىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەسىدىكى لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا يېپيېڭى مەنزىرە نامايان بولدى.

سۇلۇق يەر سۇ رايونىدىكى قېنىق ۋە سۇس ئىككى خىل رەڭ.
قومۇشلۇق بىلەن ئۇچار قۇشلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.
ھەر خىل سۇ قۇشلىرى قومۇشلۇق ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى.
ئەتىۋارلىق قۇشلار كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىپ كۆپىيىدۇ.
ياز كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يامغۇردىن كېيىن، لالىيكۆل سۇلۇق يېرىدە ئېكولوگىيەلىك شېئىرىي تۈس تولۇق نامايان بولغانىدى.
(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاۋ فېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






