تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

گاۋتيېدا بۇ ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان كىچىك شامالدۇرغۇچنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ

توكقا چاتىدىغان ئۈستەل شامالدۇرغۇچنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ

لېكىن پويىزدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

ئېلېكتر سايمانلىرى تۈرىدىكىلەردىن

توكداننىڭ يەككە سىغىمى 27 مىڭ مىللىئامپېردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان كىچىك شامالدۇرغۇچنى ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ

يان تېلېفون، كومپىيۇتېر، تەكشى تاختىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، توك قاچىلاشقا بولىدۇ

توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق مېيىپلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ

توك قازىنىنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

چاچ قۇرۇتقۇچنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

ئاككۇمۇلياتور، توكسىكىلىت باتارىيەسى، ئاپتوموبىل ئاككۇمۇلياتورىنى ئېلىپ يۈرۈش ۋە توشۇشقا ھاۋالە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ

  تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، گاۋتيېدا چاچ قۇرۇتقۇچ، چاچنى بۈدۈر قىلىش كالتىكى، توك قازان، توك چۆگۈن، ھاۋا قازىنى، چاشيەنبەن، ئالماشتۇرۇش چاتوۋسى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن پويىزدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  توك قازىنى قاتارلىق يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك يولىنى ئاسانلا بۇزۇۋېتىپ، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، توك قازىنى خىزمەت قىلغاندا ھاسىل بولغان پار پويىزنىڭ ئىس-تۈتەكتىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، پويىزنىڭ جىددىي تورمۇزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال تىرانسپورت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

  ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ۋە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پويىز ئىچىدىكى توك مەنبەسى پەقەت يولۇچىلارنىڭ يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىغا توك قاچىلاش ئېھتىياجىنىلا قاندۇرىدۇ.

  «تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان، ئېلىپ يۈرۈشى چەكلەنگەن بۇيۇملار مۇندەرىجىسى»گە ئاساسەن، بەلگىسى ئېنىق بولغان توكدان، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ يەككە نورمىلىق ئېنېرگىيەسى 100 ۋات سائەتتىن، يەنى تەخمىنەن 27 مىڭ مىللىئامپېر سائەت سىغىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  مېيىپلەرگە تەمىنلىنىدىغان توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇقنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن بازاردا سېتىلىۋاتقان توكلۇق سىيرىلما تاختىلىق ۋېلىسىپىت، توكلۇق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋېلىسىپىتى، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ لىتىيلىق باتارىيەسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

يولۇچىلار گاۋتيېغا ئولتۇرغاندا

يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلەرنى مۇۋاپىق قويۇشى كېرەك

ئاممىۋى بوشلۇقنى ئىگىلىۋېلىش ۋە بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ

ئەگەر بەزىلەرنىڭ چوڭ قۇۋۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولسىڭىز

پويىز باشلىقى، پويىز خادىملىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ

يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايلى

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.