بىز دائىم دەيدىغان «كاربونلۇق سۇ» كاربون سۇ بىرىكمىسى بولۇپ، بەدىنىمىزنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ بىرى، قۇرامىغا يەتكەن نورمال كىشىلەر ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ %65 ~ %50ىنى ئۇ تەمىنلەيدۇ.

نۇرغۇن كىشى ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاساسلىق يېمەكلىكنى تاشلاپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن يىراق تۇرىدۇ، ئەمما بۇ چاچ چۈشۈش، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، يەنە بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كەمچىل بولسا چاچ تۇتاملاپ چۈشۈپ كېتىدۇ
تاراتقۇلاردا مۇنداق دېيىلگەن: نىڭبودىكى 40 نەچچە ياشلىق بىر خانىم ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىل ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىلا يەپ، گۈرۈچ تامىقى، موما قاتارلىق «كاربون سۇ بىرىكمىلىرى»گە يېقىن كەلمىگەن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بەدەن ئېغىرلىقىنى 50 كىلوگىرامغا يەتمىگەن ھالەتتە ساقلىسىمۇ، لېكىن چېچى بارغانسېرى شالاڭلاپ، باش تېرىسى كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ قالغان، دوختۇر چاچ ئۆسۈشتىن توختاش مەزگىلىدىكى چاچ چۈشۈش، دەپ دىياگنوز قويغان.

نېمىشقا كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلمىسا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ؟
جۇڭگونىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى جېڭ فېيفېي ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئاساسلىق يېمەكلىكتە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول، بۇنداق ئوزۇقلۇق ماددا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ تېجەشلىك ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر.
ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ئازايتىلغاندىن كېيىن، زور بىر قىسىم ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئىسسىقلىق مىقدارى سۈپىتىدە خوراپ كېتىدۇ، توقۇلما، ئەزالارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ھەقىقىي ئىشلىتىلىدىغان ئاقسىل زور دەرىجىدە ئازىيىپ، مۇسكۇللار خوراپ كېتىش، تېرە ناچارلىشىش، چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىش، جىسمانىي كۈچ تۆۋەنلەش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەم بەدىنىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كەمچىل بولسا قانداق بولىدۇ؟
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ شۇاڭچىڭ مۇنداق دېدى: كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بەدەننى «ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش»تىن باشقا، يەنە ھۈجەيرە ھەرىكىتىگە، مېتابولىزمنى تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ.
«تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك-ئىچمەك» ئىلگىرى توردا بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن بولۇپ، ئورۇقلاش ۋە قان شېكىرىنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى ئاساسىي تاماق يېمەيدىغان بولغان. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كەمچىل بولسا، بەدەن ھەر خىل تەسىرگە ئۇچرايدۇ:
1. قان شېكىرى بىردەم يۇقىرى، بىردەم تۆۋەن بولۇش
دۇڭنەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چيۇ شەنخۇ مۇنداق دېدى: ئاساسلىق تاماق يېمىگەندە قان شېكىرى بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا ياكى ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى تەكرار كۆرۈلىدۇ.
2. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاش
قارا ئاشلىق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، ھەرخىل پۇرچاق تۈرىدىكىلەر تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
3. چوڭ مېڭىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش
تۆۋەن كاربونلۇق سۇ ئادەمنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چارچاپ ئۇيقۇغا خۇمار بولىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىدۇ، تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاياللاردا يەنە ھەيز قالايمىقانلىشىش، قان ئازلىق، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

4. كەيپىيات ۋە ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش
ئاساسلىق يېمەكلىك B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسى بولۇپ، قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، بىئارام قىلىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا خامۇشلۇق خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
5. كېتون كېسىلى پەيدا بولىدىغان كىسلاتادىن زەھەرلىنىش
بەدەندە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كەمچىل بولغاندا كۆپ مىقداردا ياغ پارچىلىنىدۇ، ياغنىڭ مېتابولىزمى تولۇق بولمىغاندا كېتون تەنچىسى ھاسىل بولىدۇ، يىغىلىپ قېلىش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش، سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشىدىن كېتىش، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسىز
دۆلىتىمىزدىكى جۇڭشەن داشۆنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك-ئىچمەك ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆسمىنىڭ ئۆپكىگە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن؛ ئەنگلىيە «تەبىئەت-مىكرو بىئولوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يېمەك-ئىچمەك ئەندىزىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
«يۇقىرى سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى»نى قانداق تاللاش كېرەك؟
دۇڭنەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جىن خۇي كۆپچىلىككە ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ناچار سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتتى:
1. تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول، پىششىقلاش دەرىجىسى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق زىچلىقى يۇقىرى بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: دانلىق زىرائەت، ھەرخىل پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى» ھېسابلىنىدۇ.
2. قومۇش شېكىرى، مېۋە گلۇكوزا قىيامى، قوناق قىيامى قاتارلىق قوشۇلما شېكەرلەر پەقەت ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ئۇلاردا يېمەكلىك تالاسى كەمچىل بولۇپ، «سۈپەتسىز كاربون سۇ بىرىكمىلىرى»گە كىرىدۇ.
كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئاساسلىقى ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە مېۋە-چېۋىلەردىن كېلىدۇ. جىن خۇي مۇنداق دېدى: 100 گىرام (دىيامېتىرى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان چىنىدە لىق بىر چىنە) پىشقان مىفەن تەركىبىدە تەخمىنەن 30 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىسى بار بولۇپ، 60 گىرام بولكا ياكى قورساقتا چىڭ تۇرىدىغان مومىغا باراۋەر.
ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە، ئورگانىزم ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېتەرلىك ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 300 گىرام (قۇرۇق ئېغىرلىق) ئاساسلىق يېمەكلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ %60 ~ %50ىنى ئىگىلىشى، تەخمىنەن 250 گىرام (قۇرۇق ئېغىرلىق) ئاساسلىق يېمەكلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۈندىلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن سەل تۆۋەن بولۇشى، ئەمما 130 گىرامدىن ئاز بولماسلىقى، تەخمىنەن 80 گىرام ساپ بۇغداي بولكىسى، 150 گىرام پىششىق مىفەن بىلەن باراۋەر بولۇشى كېرەك.
بېيجىڭ ياشانغانلار دوختۇرخانىسى ياشانغانلار تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ يۈەن مۇنداق دېدى: تەبىئىي بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ مۇتلەق «ياخشى-يامان»ى يوق، ئەگەر كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى يېيىش بىلەن بىللە، مەلۇم مىقداردىكى تالانىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا، نۇرغۇن ئىنچىكە ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى «ياخشى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى»گە ئايلىنىدۇ.
يېمەكلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرغاندا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولىدۇ
كۈندىلىك ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى سۇلۇ، يىرىك گۈرۈچ، قوناق قاتارلىق قارا ئاشلىق، خۇڭشۇ، سەۋزە، كاۋا قاتارلىق يىلتىزسىمان غول تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە ياكى يېسسىمۇق، قارا پۇرچاق، نوقۇت قاتارلىق ھەرخىل پۇرچاقلارغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېلىق گۆشى، تۇخۇم، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ساغلام ياغلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر قېتىملىق تاماقتا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ يېتەرلىك مىقداردا قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش
ياغدا پىشۇرۇش، شەربىتىنى چىقىرىش، ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىش ياكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يانجىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
تاماق ئېتىشتە ئالدى بىلەن دۈملەش، پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. ئۈگرە، بەنشىر قاتارلىق كىراخماللىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، كىراخمال فېرمېنتىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاپ، قەنت تەركىبىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
ۋەيمەينى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش
سىرتلاردا تاماق يېگەندە ياكى ۋەيمەي بۇيرۇتقاندا ئامال بار قارا ئاشلىق تامىقى، دۈملەنگەن خۇڭشۇنى تاللاش؛ تەييار چۆپ، ئىنچىكە پىنتوزا، كەڭ پىنتوزا قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش، قورداق، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك قوۋۇرغا، باسىدىگۇا قاتارلىق قورۇمىلارنى ئاز يېيىش كېرەك.
پىرەنىك، تورت، شېكەرلىك ئىچىملىك، خۇرۇچلۇق قېتىق، شېكەرلىك ئارپا قاتارلىق تالاسىز ئىنچىكە پىششىقلانغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك.
بەدەن تارقاتقان سىگنال ئارقىلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى دەل جايىدا ئىستېمال قىلغاندا، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتە زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئاسان ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، چوڭ تەرەت قانۇنىيەتلىك ھەم نورمال كېلىدۇ.
ئەگەر تاماقتىن كېيىن پات-پات ئۇيقۇسى كەلسە، قورسىقى تېز ئاچسا، تېرىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقسا، كۆپ ھاللاردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ناچار كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئېغىز پۇراش، ئىچى تىتىلداش، باش قېيىپ قەۋزىيەت بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






