تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

گۇما ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو ئانارلىق راسا چېچەكلىدى

بۇ يىلدىن بۇيان، پىيالما يېزىسى مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش-ئاسراش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشتىن جەمئىي 20 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزدى، ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 1600 مو ئاشتى.

   يېقىندا گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى 24 مىڭ مو ئانارلىق راسا چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تۇتاش كەتكەن باغلار ئانارگۈلى بىلەن قاپلىنىپ، يېشىللىققا پۈركەندى. ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن چېچەكلەش ۋە مېۋىلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىيالما يېزىسى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، ئانار كەسپىنى خەلقنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى. يېزا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە دائىملىق تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى ياخشىلاشقا  يۈزتۇرا، قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىپ، ئانارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى. (خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئادىلە، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابدۇمىجىت)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.