تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

بىر ئەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۆزىگە قارىتىپ پۈۋلەتكەچكە ئارقا مېڭە دالانچىسى قاناپ كەتتى! ياز پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتكەن نۇرغۇن كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئادىتى بار، دەرھال ئۆزگەرتىڭ

تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەممە كىشىنىڭ ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈنۈملۈك قورالىغا ئايلاندى

كۆپلىگەن كىشى بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن

ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئارقا تەرەپ بويۇن قىسمىغا قارىتىپ ئاچىدۇ

لېكىن ئۇلار بۇنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ

    1. ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىۋاسىتە ئارقا بويۇنغا قارىتىپ پۈۋلەتكەندە، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

    يېقىندا خاڭجوۋدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى ھاۋا كۆرۈلدى، 42 ياشلىق خىزمەتچى ۋاڭ ئەپەندى ئۇزاق ۋاقىت ئىشخانىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا خىزمەت قىلىشقا، ئادەتتە ئارام ئالغان ۋە ئۇخلىغان ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى بويۇن قىسمىغا بىۋاسىتە توغرىلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇدا نەچچە كۈن توغرا بولمىغان ئۇسۇلدا سالقىنلاشنى قوغلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكىلى ئاز قالغان.

    ياز كىرگەندىن بۇيان، ھاۋا تەڭشىگۈچنى توغرا ئىشلەتمىگەچكە باش قېيىش، بويۇن قىسمى بىئارام بولۇش، ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قوزغالغان ئاغرىقلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

    ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە سوغۇق شامال بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن باش قېيىش، بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟

    دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان سوغۇق شامالنىڭ ئارقا بويۇنغا بىۋاسىتە تېگىپ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار ئۇزاق مەزگىل كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش، ئۇزاق ئولتۇرۇش، بېسىمى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بەدىنى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىتتا بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ.

    ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار ئەگەر ئۇزاق مەگىل يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغان بولسا، شۇنداقلا دورىنى قانۇنىيەتلىك يېمىگەن بولسا، قان بېسىمىنى ياخشى تىزگىنلىيەلمەيدۇ، بۇ، مېڭە قان تومۇرلىرىنى ئۇزاق مۇددەت غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ.

    ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن باشقا، ئارقا بويۇن قىسمىدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئورنى تېيىز، مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاجىز، شۇنداقلا چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان بويۇن ئارتېرىيەسى، ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى بۇ يەرگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ.

    بويۇن قىسمىدىكى قان تومۇرلار تارتىشىش ھالىتىدە تۇرغاندا، قان تومۇر دىۋارى تارىيىپ، قان ئېقىمى ئازلايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولسا، ئادەم بەدىنى كۆپ تەرلەپ، سۇسىزلىنىش دەرىجىسى ئېشىپ، قان نىسبىي ھالەتتە قويۇلۇپ، قان نوكچىسى پەيدا بولىدىغان خەتەرلىك مۇھىتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

   2. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا تېمپېراتۇرا، شامال يۆنىلىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك

    ھاۋا تەڭشىگۈچنى زادى قانداق ئاچقاندا بىخەتەر بولىدۇ؟ دوختۇر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئادەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە، تېمپېراتۇرا، شامال يۆنىلىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، كۆپلىگەن كىشى ئۆيگە كىرىپلا تېمپېراتۇرىنى 22 سېلسىيە گىرادۇس، ھەتتا 18 سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭشەيدۇ، لېكىن تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 8 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار جىددىي تارىيىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 26 سېلسىيە گىرادۇستىن 28 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش مېخانىزمىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

    ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامىلىنى ئادەمگە قارىتىپ ئاچماسلىق، شامالنىڭ يۆنىلىشىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرىغا ياكى يانغا توغرىلاش، شامالنىڭ بىۋاسىتە باش ۋە قورساق قىسىمغا پۈۋلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كەچتە ئۇخلىغاندا ئەڭ ياخشىسى «ئۇخلاش ھالىتى»گە توغرىلاش ياكى ۋاقىت توغرىلاپ ئېتىۋېتىش، كېچىدە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا چوقۇم ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش، كۈندە 3 ~ 2 قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك، كۆپ ساندىكى كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچنى پۈتۈن كۈن ئېچىپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ قويىدۇ ھەم مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن توكنى تېجىگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا ھاۋادىكى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس تېز كۆپىيىپ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىگەن ۋە كەچتە دېرىزىنى 15 مىنۇتتىن ئارتۇق ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇن ئېچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

   3. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىن كېيىن بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قايسى خىل سىگنال كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

    ئەگەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندىن كېيىن، پەقەت يېنىك دەرىجىدە بوينى تېلىش، پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن سوغۇق شامال بار مۇھىتتىن ئايرىلىپ، بەدەننى مۇۋاپىق ئىسسىق ساقلاش، سۇ تولۇقلاش ھەم كۆزىتىش كېرەك؛ ئەگەر بىئارام بولۇش ئەھۋالى ئېغىرلاشسا، ئاددى ھالدا «سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش» دەپ قاراپ، ئاددى بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

  

  

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىكەن.

   F (Face يۈز قىسمى): ئەگەر يۈز قىسمى مايماق بولۇپ، جاۋغايدىن شۆلگەي ئاقسا، جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   A (Arm بىلەك): ئەگەر بىر بىلىكىنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر بىلىكىنى كۆتۈرەلمىسە، پۇتىنى يۆتكەپ ماڭالمىسا ياكى قەدەم ئالالمىسا جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   S (Speech تىل): ئەگەر راۋان سۆزلىيەلمىسە، ھەتتا ئازراقمۇ ئاۋاز چىقىرالمىسا، جەزمەن دىققەت قىلىش كېرەك.

   T (Time ۋاقىت): ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال 120گە تېلېفون قىلىپ تېز دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالتۇن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەربىر مىنۇت كېچىكسە 1 مىليون 900 مىڭ مېڭە ھۈجەيرىسى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  «央视一套» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.