

تەقدىر-قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئۇلى. دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللاردا، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقى بەخت-سائادەتتە ۋە جاپادا بىللە بولۇپ، ھايات-ماماتتا ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ جەڭگىۋار دوستلۇقنى مۇجەسسەملىدى. ئۆز سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يولداشلارچە دوستلۇقنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
—— 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، شى جىنپىڭ چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىدە «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى






