دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»دىكى تۇنجى مۇھىم قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
سەنشيا تۈگۈنى يېڭى يولنى كۈتۈۋالىدۇ

ساۋما قىلىپ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دەي شياۋخې، لى سىيۈەن) 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۆلىتىمىز «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىش باشلاپ قۇرىدىغان دۆلەتنىڭ تۇنجى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولىدا ئىش باشلاندى، بۇ، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولىنى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ شۇنداقلا سەنشيا قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، چاڭجياڭ دەرياسى غول لىنىيەسىدە سۇچىلىق، سۇ تىرانسپورتى، ئېكولوگىيە قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
يېشىل تاغلار ھەيۋەتلىك، چاڭجياڭ دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرىنىڭ تەيپىڭشى پىرىستانى يېنىدا، سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىش باشلاش بۇيرۇقىنىڭ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، تاغ جىلغىسىنى لەرزىگە سالدى.
قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ جەنۇبىدا، يۈرۈشۈۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان سەنشيا تۈگۈنى قوش لىنىيەسىدىكى بەش قەۋەتلىك لوك بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش ئىچكى دەريا لوكى بولۇپ قالدى. سەنشيا قۇرۇلۇشى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ يولى شارائىتىنى ياخشىلىدى، شۇنداقلا دەريا بويى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولغاچقا، سۇ تىرانسپورت ئېھتىياجى سىجىل ئاشتى. 2011 - يىلى، لوكتىن ئۆتىدىغان يۈك تىرانسپورت مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، مۇددەتتىن 19 يىل بۇرۇن لايىھەلەنگەن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا يەتتى. 2025 - يىلى، سەنشيا تۈگۈنىنىڭ توسمىدىن ئۆتكۈزۈش ئۇنىۋېرسال توشۇش مىقدارى 173 مىليون توننا بولۇپ، لايىھەلەنگەن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەچكە، سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولىنى تېز قۇرۇش زۆرۈر ھەم تەخىرسىز بولۇپ قالدى.
جەمئىي تەخمىنەن 77 مىليارد 208 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى قۇرۇلۇشى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سەنشيا تۈگۈنى يېڭى يولى قۇرۇلۇپ بولغان سەنشيا لوكىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، يېڭىدىن قوش لىنىيەلىك تۇتاش بەش قەۋەتلىك لوك ياساش پىلانلاندى، لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6680 مېتىر، قۇرۇلۇش مۇددىتى 112 ئاي (12 ئاي قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). گېجوۋبا تۈگۈنىنىڭ سۇ تىرانسپورت ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ، ھازىر بار بولغان 3 - نومۇرلۇق لوك چۇۋۇپ تاشلىنىپ، يېڭىدىن ئىككى لىنىيەلىك تاق قەۋەتلىك لوك ياسىلىدۇ ھەم يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى لوك ئىچىگە باشلاپ كىرىش يولى كولاپ كېڭەيتىلىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 95 ئاي (12 ئاي قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
قۇرۇلۇش لايىھەسى بويىچە قاتنايدىغان پاراخوتلار 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، سەنشيا تۈگۈنىدە تۆت لىنىيەدىكى لوكقا پاراخوت لىفىتى قوشۇش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 336 مىليون توننىغا يېتىدۇ؛ گېجوۋبا تۈگۈنىدە تۆت لىنىيەلىك لوك ئەندىزىسى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 360 مىليون توننىغا يېتىدۇ.
سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى زور، قىيىنلىق دەرىجىسى مىسلىسىز بولۇپ، ئون نەچچە يىل دەلىللەش، لايىھەلەش، نەچچە ئون يىل تېخنىكا جەھەتتە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئىش باشلاش شارائىتى تولۇق ھازىرلاندى. قۇرۇلۇشنى تەشكىللەپ يولغا قويغۇچى تەرەپ، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن سۇ تىرانسپورت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ، بۇ، چاڭجياڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش كارىدورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پايدىلىق.






