تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى: 2 - قېتىملىق گومىنداڭ - كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى رەسمىي شەكىللەندى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ شو، ياڭ يىمياۋ

ياز پەسلى، شەنشى شىئەن لىنتۇڭدىكى لىشەن تېغىدا، «بىڭجيەنتىڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئەينى يىلىدىكى قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئاشۇ تارىخنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە، شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى لىنتۇڭدىكى خۇاچىڭچىنى قورشىۋېلىپ، جياڭ جيېشىنى تۇتۇپ قالدى؛ 17 - ئارمىيە پۈتۈن شىئەن شەھىرىنى كونترول قىلدى ھەم گومىنداڭنىڭ نەنجىڭدىن كەلگەن نەچچە ئون ھەربىي، مەمۇرىي مۇھىم خادىمىنى قاماپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، بىردەك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان شىئەن ۋەقەسى يۈزبەردى.

جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭ نېمە ئۈچۈن «ھەربىي نەسىھەت قىلدى»؟ شۇ ۋاقىتتا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى قەدەممۇقەدەم قىستاپ كەلگەنىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋاياۋبۇ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتتى ھەم گومىنداڭ تەرەپكە ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، بىردەك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ قايتىدىن ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ھالبۇكى، جياڭ جيېشى «تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىچكى قىسىمنى تىنچلاندۇرۇش» فاڭجېنىدىن ۋاز كەچمىدى، ئەكسىچە 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىئەنگە بېرىپ، جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭنى قىسىملىرىنى باشلاپ «كوممۇنىستلارنى يوقىتىش»قا قىستىدى. جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭنىڭ «يىغلاپ تۇرۇپ» جياڭ جيېشىغا قويغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەلىپى كۈچلۈك ئەيىبلەش ۋە رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇلار «ھەربىي نەسىھەت قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى قارار قىلىپ، قورال كۈچى ئارقىلىق جياڭ جيېشىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا قوشۇلۇشقا قىستىدى.

شىئەن ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئومۇمىيىتىنى مۇھىم بىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا شىئەن ۋەقەسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش فاڭجېنىنى بېكىتتى. سۆھبەت ئارقىلىق، جياڭ جيېشىنى «كوممۇنىستلارنى قورشاپ يوقىتىشنى توختىتىپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش» توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىدى.

شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى تۈگۈن بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن توختىدى. پارتىيەمىز شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.

گەرچە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا داۋالغۇش بولسىمۇ، لېكىن ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخ ئېقىمى ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىشىش، قىزىل ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا پاسىل رايونىنىڭ ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گومىنداڭ - كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى ئورنىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە؛ ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشتىن قىزىل ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە تۈرتكە بولۇشقىچە ... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم مەيدانى ۋە روشەن پوزىتسىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بېرىپلا قالماي يەنە گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

1937 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گومىنداڭ مەركىزىي ئاگېنتلىقى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گومىنداڭ - كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقى ئورنىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى؛ 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جياڭ جيېشى ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىتابنامىسى ۋە جياڭ جيېشى سۆھبىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ قايتىدىن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

«مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەسىرلىنىپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.» گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھەمكارلىقىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر سۇڭ چىڭلىڭنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىدىن ئىبارەت بۇ بايراقنىڭ چاقىرىقىدا، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى.

ئۇرۇش ئوتى ئۆچتى، ئۇلۇغۋار روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

شىئەن جيەنگو يولىغا جايلاشقان شىئەن ۋەقەسى خاتىرە سارىيىدا، گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى يەن خۇڭچاۋ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا ئۇزاققىچە تۇردى. «ئىلگىرى بۇ تارىخنى پەقەت كىتابتىنلا ئىگىلىگەنىدىم، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدا كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جان پىدالىق بىلەن دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىيلىقى ۋە جاسارىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم».

«نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچى ئىنقىلابچىلارنىڭ مىللەتنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتقۇزۇش پەيتىدىكى تاللىشى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ھاياجانلاندى.» شىئەن ۋەقەسى خاتىرە سارىيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى ۋاڭ جىڭۋېي مۇنداق دېدى: قىممەتلىك كونا ئورۇن ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.