□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شاۋ يىبو، ساۋ جيايۆ، ۋاڭ چاۋ
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پىڭراڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ كامېراسىدا بىر گۇرۇپپا تارىخىي دەقىقىلەر خاتىرىلەندى −
باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىپ، ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشتى. باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى قىزغىن جەم بولۇش داۋامىدا يەنە يېڭى سەھىپە پۈتتى.
ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېھمان كۈتۈش موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشىدا ئاپتوموبىل بىلەن زەپەر دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، جىن رىچېڭ مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. چاۋشيەن خەلق ئاممىسى قولىدا «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە چەكسىز شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ يەنە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، جىن رىچېڭ مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ چوڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى، رەتلىك تىزىلغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان پىڭراڭدىكى ھەر ساھە ئامما ۋە ئۆسمۈر - بالىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، بايراق، گۈل ۋە شارلارنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق شوئارلىرىنى ئۈنلۈك توۋلىدى، قىزغىن كەيپىيات پۈتۈن مەيداننى قاپلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىل بىلەن جىن رىچېڭ مەيدانىغا يېتىپ بارغاندا، باش شۇجى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ مەيداندا كۈتۈۋالدى؛ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، باش شۇجى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنى ئۇلار چۈشكەن ئالىي مېھمانسارايغىچە بىللە ئۇزىتىپ باردى. يول بويى بايراقلار جەۋلان قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ چېھرىدە سەمىمىي تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
شۇ كۈنى كەچتە، پىڭراڭدىكى مۇلەن سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن باش شۇجى جىن جېڭئېن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى، چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى رەتكە تىزىلىپ قارشى ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى؛ پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى باش شۇجى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، چاۋشيەندىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.
ئەڭ كاتتا ھۆرمەت ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل رىشتى تۇتاشقان، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.
بۇ كاتتا، قىزغىن قارشى ئېلىش مەنزىرىسىدىن كىشىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەھكەم بولغان، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قىلچە تەۋرەنمىگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى، تاغ - دەريالىرى تۇتاشقان، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن تەبىئىي يېقىنلىقىنى كۆردى. دەۋر ھالقىغان بۇ دوستلۇقنى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى.
ئەڭ كاتتا ھۆرمەت جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان كۈچنى نامايان قىلدى.
«تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئۇلى.» چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغان كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەن تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، «ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا بىلىنەر» دېگەندىن ئىبارەت جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.
تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلاب ئوتى ئىچىدە بەخت - سائادەت ۋە جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ جەڭگىۋار دوستلۇقنى بارلىققا كەلتۈردى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئىككى دۆلەت خەلقى يەنە قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يولداشلارچە دوستلۇق سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزدى.
دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم بولدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قىلچە تەۋرەنمىدى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.»
ئەڭ كاتتا ھۆرمەت جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلدى.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ھەر ئىككىسى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. «ئىككى دۆلەت خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىدە بىر - بىرىنى قوللاپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلاشتى.»
ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق غايە - ئېتىقادى ۋە كۈرەش نىشانى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زامان - ماكاندىن ھالقىغان چوڭقۇر ئاساس ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن قۇدرەتلىك ئەۋرىشىملىك بېغىشلىدى.
بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى.
«بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىق دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى - گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جاكارلىغان مۇھىم سۆزىدە مەۋقەنى تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىغا قويۇپ، قەلبىگە دۇنيا ۋە كەلگۈسىنى پۈكۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولدا ئورتاق ياخشى مېڭىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)






