ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ۋاڭ جۈەن
تىپىك دېلو مىسالى
2025-يىلى 12-ئايدا، خۇاڭ x بېيجىڭدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلماقچى بولغاندا، ليۇ x ھەيدىگەن ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇپ قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەن. قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چىقىرىپ بەرگەن «يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى»دە: ليۇ x ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، خۇاڭ xنىڭ جاۋابكارلىقى يوق دەپ بېكىتىلگەن. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، خۇاڭ x زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشقا ئاپىرىپ بەرگەن، رېمونت قىلىش ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ، رېمونت ھەققى 2000 يۈەندىن ئاشقان، بۇ خىراجەتنى ليۇ x سۇغۇرتىلاتقان سۇغۇرتا شىركىتى تولۇق تۆلەپ بەرگەن.
ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش سەۋەبلىك، خۇاڭ x شۇ جايدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالغان، بۇ مەزگىلدە ياتاق، تاماق ۋە قاتناش ھەققى جەمئىي 600 يۈەندىن ئاشقان. خۇاڭ x ليۇ xتىن بۇ خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ليۇ x ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان رېمونت خىراجىتىنى تۆلەپ بولدۇم دەپ قاراپ، ياتاق، تاماق ۋە قاتناش خىراجىتىنى تۆلەشنى رەت قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغان، شۇنىڭ بىلەن خۇاڭ x ليۇ x ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ليۇ xكە تۇرۇپ قالغان مەزگىلدىكى ياتاق، تاماق ۋە قاتناش خىراجىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان 600 يۈەندىن ئاشقان چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆكۈم نەتىجىسى
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش نەتىجىسىدە مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان ئاپتوموبىللارنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئادەتتىكى سەپلىمە خاراكتېرلىك قاتناش قوراللىرىنىڭ مۇۋاپىق خىراجىتىنى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى تۆلىشى كېرەك. دېلوغا چېتىشلىق ھادىسە خۇاڭ xنىڭ ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش سەۋەبىدىن تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش مەزگىلىدە، خۇاڭ x مەيلى ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىشنى تاللىسۇن ياكى ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرسۇن، مۇقەررەر ھالدا قاتناش خىراجىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ خىراجەت قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇۋاپىق ۋاسىتىلىك زىيان دائىرىسىگە كىرىدۇ. سوت مەھكىمىسى خۇاڭ x تۇرۇپ قالغان جاي، ئادەتتىكى سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى ۋە خىراجەتنىڭ مۇۋاپىقلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قاتناش خىراجىتى تەشەببۇسىنى قوللىغان.
تۇرۇپ قالغان مەزگىلدىكى ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك چىقىمى توغرىسىدا سوت مەھكىمىسى بۇ خىراجەت خۇاڭ xنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلىش ئارزۇسى ئاساسىدا پەيدا بولغان خىراجەت بولماستىن، بەلكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى سەپەر ئۈزۈلۈپ قېلىش، باشقا جايدا تۇرۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاساسىي تۇرمۇش زۆرۈر چىقىمى بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى ھەم داۋاملىشىۋاتقان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىغان. خۇاڭ x تەشەببۇس قىلغان خىراجەتنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنتىزىم ھۆججەت ئىسپاتى بار، سوممىسى شۇ جاينىڭ ئادەتتىكى ئىستېمال سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئوبيېكتىپلىققا، زۆرۈرلۈككە ۋە مۇۋاپىقلىققا ئىگە. شۇڭا، سوت مەھكىمىسى خۇاڭ xنىڭ تەشەببۇس قىلغان ياتاق ھەققى، يېمەك-ئىچمەك ھەققىنىڭ ھەممىسىنى قوللاپ، بۇ ھەقنى تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق ۋاسىتىلىك زىيان دەپ بېكىتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ليۇ xكە خۇاڭ xنىڭ قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى ۋە يېمەك-ئىچمەك ھەققى بولۇپ جەمئىي 600 يۈەندىن ئارتۇق چىقىمنى تۆلەپ بېرىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
سودىيە چۈشەندۈرۈشى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» 1165-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا: «خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشچىلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 11-ماددا 2-تارمىقىدا: «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 76-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <مال-مۈلۈك زىيىنى> موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ھوقۇقى چېقىلغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن كېلىپ چىققان زىياننى كۆرسىتىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
سودىيە مۇنداق ئەسكەرتتى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمىنىڭ يادروسى ھوقۇقى چېقىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان بارلىق زىيىنىنى تولدۇرۇش بولۇپ، ئاپتوموبىل رېمونت ھەققى، داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىق بىۋاسىتە كۆرۈلگەن مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مۇناسىپ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە مۇۋاپىق ۋاسىتىلىك زىياننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكىسىدە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئوتتۇرىسىدا قانۇنىي سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، ھادىسىنى بىرتەرەپ قىلىش، زۆرۈر تۇرمۇشنى ساقلاش ياكى ئەسلىدىكى زۆرۈر مۇساپىنى تاماملاش ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان مۇۋاپىق خىراجەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈمى باشتىن-ئاخىر «مۇۋاپىق، زۆرۈر» بولۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاسىتىلىك زىياننىڭ كونكرېت سوممىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېكىتىپ، زىيان دائىرىسىنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ دېلودا سوت مەھكىمىسى قاتناش، تاماق، ياتاق ھەققىنى قوللاپ، ئېنىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى بىلەن بىۋاسىتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان رېئال قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چىقىمنى قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ؛ زۆرۈر بولمىغان ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلىشتىن شەكىللەنگەن چىقىمنى ھوقۇقى چېقىلغۇچىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






