تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدىكى «ئاق ئۆرۈك ناملىق» يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى يولغا چىقتى

    6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 16دە، 4.7 توننا بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى قاچىلانغان جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU6218 نۆۋەتچى ئايروپىلان شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى» دېيىلىدۇ)دىن شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە ئۇچتى، بۇ، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدىكى 2026-يىللىق «ئاق ئۆرۈك ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ رەسمىي يولغا چىقىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چاڭجياڭ دېلتىسى بازىرىغا سېتىشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى پېتى ساقلاش يولى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىزمەتچى خادىملار بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى ئايروپىلانغا قاچىلىماقتا.

     مېۋە سېتىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى مېۋە-چېۋىلەرنى ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق مەخسۇس توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى، مەخسۇس تۈر كاپالىتى خىزمىتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. تيەنيى ئەشيا ئوبوروتى كورلا شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مال تاپشۇرۇۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا ئالدىن سوۋۇتۇپ ئايرىش، قىسقا مۇساپىلىك قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى بويىچە توشۇش، يۈك پونكىتىدا ئامباردا ساقلاش-ئايرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ماس قەدەمدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈردى. مەخسۇس تۈر كاپالىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنىڭ ئاۋىياتسىيە يولى ئارقىلىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سىرتقا توشۇلۇش مىقدارى 50 توننىدىن ئېشىپ، سىرتقا توشۇش ئۈنۈمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشتى. بۇ قېتىمقى مېۋە-چېۋىلەرنى ئاۋىياتسىيە يولى ئارقىلىق مەخسۇس توشۇشتا، 1500 توننىدىن ئارتۇق بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى ئاۋىياتسىيە يولى ئارقىلىق سىرتقا توشۇش مۆلچەرلەندى.

    بۇ يىل ئايرودۇرۇم شوپۇرسىز يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىشنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنى يېڭى مېۋىلەرنى مەيدان ئىچىدە يۆتكەپ توشۇش مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىپ، يۈك تىرانسپورتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايروپىلان سۇپىسىنىڭ يۆتكەپ توشۇش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئادەم كۈچى سەرپىياتىنى ئازايتىپ، مېۋىلەرنىڭ يەر يۈزىدە توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يېڭى مېۋىلەرنىڭ پورتتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك چىقىرىلىشىنى پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. تيەنيى ئەشيا ئوبوروتى كورلا شۆبە شىركىتى يۈرۈشلەشكەن ئامباردا ساقلاش بىلەن مەيدان ئىچىدە توشۇش تىرانسپورت كۈچىنىڭ دەرىجىسىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ئايرودۇرۇم بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن ئايروپىلان بۆلمىسىگىچە بولغان يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش زەنجىرسىمان يولىنى راۋانلاشتۇردى.

    «ئايروپورت مەۋقەنى ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شاڭخەي خۇڭچياۋ، گۇيلىن قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى زىچلاشتۇرۇش، مەخسۇس يېشىل يول، مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلان كاپالىتى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاق ئۆرۈكنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولۇش، ئۇزۇن يوللۇق توشۇشتا كۆپ خوراش، سىرتقا توشۇش ۋاقىت چېكى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ھەل قىلىپ، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ يېڭى بولۇش سۈپىتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاۋىياتسىيە كۈچى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى» دېدى كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ شياڭلىن.

خىزمەتچى خادىملار بۈگۈر ئاق ئۆرۈكىنى ئايروپىلانغا قاچىلىماقتا.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە بىلەن دېھقانلارغا ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى مېۋە-چېۋە ئاۋىياتسىيە سوغۇق زەنجىر كاپالىتى سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھاۋا ئەشيا ئوبوروتى تورىنى سىجىل زىچ توقۇپ، «بىر مېۋىگە بىر مەخسۇس بەن، بىر لىنىيەگە بىر كاپالەت» بولۇشتىن ئىبارەت خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھاۋا تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. تيەنيى ئەشيا ئوبوروتى كورلا شۆبە شىركىتى ئايرودۇرۇم يۈك تىرانسپورتىدىكى يادرولۇق ھەمكارلاشقان ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ باغ-ئورمانچىلىق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئاق ئۆرۈك، نەشپۈت، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىغا دائىملىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.    ​(كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى سۈن شىخەن، فېڭ سىيۈەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.