تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، بۇ توققۇز خىل ئەھۋالدا ئېلىشقا بولىدۇ

   مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى باشلىغان. ھازىر خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى (ئۆزگەرتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدىكەن.

  «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى (ئۆزگەرتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» جەمئىي يەتتە باب، 52 ماددا بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، تاپشۇرۇش، ئېلىش ۋە ئىشلىتىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، جازالاش پىرىنسىپى، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت.

  مۇخبىر ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «نىزام»نى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى (ئۆزگەرتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا تۆۋەندىكىدەك يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى:

   «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى (ئۆزگەرتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى )»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

  24-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتىدىكى ئامانەت قالدۇقىنى ئالسا بولىدۇ:

  (1) ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغانلار؛

  (2) ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆينى سېتىۋالغان، سالغان، قايتا سالغان، چوڭ رېمونت قىلغانلار؛

  (3) ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرىدىغانلار؛

  (4) ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆينى بېزەشتە بەلگىلىك سوممىدىن ئاشۇرمىغانلار؛

  (5) ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تاپشۇرىدىغانلار؛

  (6) دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار؛

  (7) ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھەمدە ئىشلەيدىغان ئورنى بىلەن بولغان ئەمگەك (كادىرلار) مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلار؛

  (8) چېگرادىن چىقىپ ئولتۇراقلاشقانلار؛

  (9) گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تۇرالغۇ ئىستېمالىغا دائىر باشقا ئەھۋاللار.

  31-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى، شۇنىڭدەك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى رەقەملەشتۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايون، تارماق، قاتلام ھالقىغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆزئارا قەرز بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  49-ماددا بۇ نىزامنىڭ 2-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا ئېيتىلغان ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەر، سائەتلىك تۈزۈمدە ئىشلەيدىغانلار ۋە باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىگە ئىختىيارىي قاتناشسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.

  ئاممىنىڭ تۈزىتىشكە دائىر پىكرى بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلسا بولىدۇ:

  1. ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: gjjtl @ mohurd.gov.cn.

  2. خەت-چەك: بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى سەنلىخې 9-نومۇر تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قانۇن-نىزام مەھكىمىسى(北京市海淀区三里河9号住房城乡建设部法规司)، پوچتا نومۇرى: 100835.

  ئېلېكتىرۇنلۇق خەت ساندۇقى باش تېمىسى ۋە كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش نىزامىغا ئاشكارا پىكىر ئېلىش(住房公积金管理条例公开征求意见)» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

  «شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.