ئەمىن ئۆي يېڭى قىياپەتكە كىردى، سەھراغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ساقلاپ قېلىندى
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغان بىنا ئۆي تۇرمۇشىدا
ئۆزلىرگە تونۇش بولغان سەھرا تۇرمۇشى پۇرىقىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن
يېقىندا
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگوۋ كەنتى
كەنتتىكى بىكار تۇرغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ
ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، ھەمبەھرە كۆكتاتلىق بەرپا قىلدى
بىر ئائىلە بىر پارچە يەرگە كۆكتات تېرىش پىرىنسىپى بويىچە
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگوۋ كەنتى
كۆكتاتلىقنى تەقسىملەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى
نۆۋەتتە
پۈتۈن كەنتتىكى 170 پارچىغا يېقىن كۆكتاتلىق يەر
مەبلەغ توپلىغان كەنت ئاھالىلىرىگە مۇۋاپىق تەقسىم قىلىندى
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېيىنكى تېرىقچىلىق، ئېتىز پەرۋىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن
كەنت يەنە پۈتۈن كۆكتاتلىققا سۇ تۇرۇبا تورىنى بىرتۇتاش بەرپا قىلىپ
ھەربىر پارچە كۆكتاتلىقنى يېقىن ئەتراپتىن سۇ باشلاپ سۇغىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەپ
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تېرىقچىلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى
6-ئاينىڭ 6-كۈنى ساڭفاڭگوۋ كەنتىدە
كۆكتاتلىق يەر پۈتۈنلەي تەكشى تۈزلەنگەنىدى
كەنت ئاھالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يەر ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇق سېلىپ، ئېتىزنى رەتلىدى
يېپيېڭى ئەمىن ئۆي تۇرمۇشىدا
يەنىلا يېزا-كەنتنىڭ ئىللىق سەھرا تۈسى ساقلاپ قېلىنغانىدى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگوۋ كەنتى
كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جياڭ خۇي مۇنداق دېدى:
كەنت ئاھالىلىرى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن
ھويلىدا تېرىقچىلىق قىلىش بوشلۇقى بولمايدۇ
كەنتىمىز كوللېكتىپ يەرنى جانلاندۇرۇپ
ئېتىز-ئېرىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ
ھەمبەھرە كۆكتاتلىق بەرپا قىلدى
بۇنىڭدىكى مەقسەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئۇيغۇنلىشىش
كەنت ئاھالىلىرىنى راھەت، تېخىمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش
كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزۈشتۇر

«كىچىك كۆكتاتلىق بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ مەنىلىك بولۇپ كەتتى
كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم كېلىپ كۆكتاتلىقنى پەرۋىش قىلسا بولىدۇ
بالىلارمۇ يەرگە يېقىنلىشىپ، سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ
كەنت پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى
بىز ناھايىتى رازى بولدۇق» دېدى
ساڭفاڭگوۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ جىنسەي
پارچە-پارچە كىچىك كۆكتاتلىق ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەھراغا بولغان مۇھەببىتى ساقلاپ قېلىنىش بىلەن بىللە
يەنە بۇرۇنقى ئىناق قوشنىدارچىلىق قىزغىن كەيپىياتى قايتىپ كەلدى
كىچىككىنە كۆكتاتلىق، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلدى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






