تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

زۇنيى يىغىنى: ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فېڭ جياشۇن، شى چيەنگۇي

گۇيجوۋدىكى زۇنيى كونا شەھەردە، كۈل رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئارىلاش ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كوچا بويىدىكى دەرۋازىسىدا «زۇنيى يىغىنى يىغىن ئورنى» دېگەن ئويما ئالتۇن رەڭلىك ئالتە خەت كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ.

2025 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك.»

«ھەربىر سۇڭ تۇپراق ئۈچۈن تۆكۈلدى قىزىل ئارمىيە قېنى، مەڭگۈ يادلىنار ئۇلارنىڭ يۈكسەك روھى.» 1934 - يىلى، گومىنداڭ دائىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان 4 - قامال لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە، شياڭجياڭ دەرياسى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالدى. ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن تارتىپ شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلگىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە 86 مىڭدىن كۆپرەك كىشىدىن تېزلا 30 نەچچە مىڭ كىشىگە ئازايدى.

جەڭنى قانداق قىلىش كېرەك، قايسى يولغا مېڭىش كېرەك؟

ياش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ياش ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى، ھەتتا ئەمدىلا باشلانغان جۇڭگو ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقتىن ئىبارەت كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى.

5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش مەغلۇپ بولغان ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تارىخىي پەيتتە، 1935 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى زۇنيىدا سىياسىي بىيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى.

1 - ئايدىكى زۇنيىدا قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، كىرسىن چىراغ يورۇتۇپ تۇرغان بىر كىچىك ئۆيدە كەيپىيات ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇشتىكى ئۇلۇغ تاللاش مانا مۇشۇ جايدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئەينى چاغدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ھەربىي ئىشلار ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر مەركەزلىك ھەل قىلىنىپ، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلاندى.

بۇ بۆلەك تارىخقا قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە −

زۇنيى يىغىنىدا «ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى، يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكىلىنىشكە باشلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى، پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچ باشلاندى».

«ئېرىشىپ لۇڭ توپى يولباشچىغا قىلدى ئەركىن پەرۋاز، توغرا لۇشيەن يول كۆرسەتكەچ ئاتلاندۇق سەپەرگە غەلىبە تامان.» كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ۋە توغرا لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتتى، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتتى، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە تارتىۋالدى... ئەڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

زۇنيى يىغىنى ئەڭ خەۋپلىك تارىخىي پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «زۇنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى − ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى تىكلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئىجادىي تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.»

يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»تىن ھالقىپ ئۆتۈشكە، «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»نى بويسۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

«زۇنيى يىغىنى قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.» زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، بىزنى ۋۇجياڭ دەرياسىدىكى تەبىئىي خەتەرلىك جايلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن، لوۋشەنگۇەندىكى ھەيۋەتلىك ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتكەن جاسارەت بىلەن بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن باتۇرانە غالىب كېلىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

90 نەچچە يىل ئىلگىرى، زۇنيى يىغىنىنىڭ قارارىدا مۇنداق چاقىرىق چىقىرىلغانىدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بىر ئادەمگە ئوخشاش مەركەزنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش لۇشيەنى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك، غەلىبە مۇقەررەر بىزگە مەنسۇپ.»

زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى بولغان كىچىك ئىمارەتنىڭ يېنىدا، بىر تۈپ «V» ھەرىپى شەكلىدىكى قېرى تۇخۇمەك دەرىخى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كىشىلەر ئۇنى «غەلىبە دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.»

زۇنيى يىغىنىدا تاۋلانغان مەنىۋى چوغ يىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ يەنىلا كۈچلۈك يالقۇنجاپ، بىزنى غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.