□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ لىبىن
«دېڭىز - ئوكيانغا مەن ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلىمەن». 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ «دېڭىز ئۈستىدىكى فۇجوۋ» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
«مېنىڭ ئىزچىل دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ئېتىقادىم بار.» 2018 - يىلى 6 - ئايدا، شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«مەن ئەزەلدىن»دىن «مەن ئىزچىل»غىچە بولغان ئاددىي باياننىڭ ئارقىسىغا نەچچە ئون يىللىق ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش مۇجەسسەملەنگەن.
دۇنيا دېڭىز - ئوكيان كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئىدارە قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قايتا ئەسلەش تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.
سېرىق توپىلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىپ، كۆڭلىگە بىپايان دېڭىزنى پۈكتى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم، فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا <دېڭىز ئۈستىدىكى فۇجيەن> قۇرۇش، <تاغ - دەريالار دەستۇرى>نى ياخشى ئوقۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىم دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تەكىتلىدىم.»
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەركەز قاتلىمىدىن دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى:
2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تەتقىقاتى توغرىسىدا 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى؛
2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن دېڭىز - ئوكيانلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.»
دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتا يادرولۇق جابدۇقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
«شۆلۇڭ» ناملىق پاراخوتقا چىقىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنى يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن «جياۋلۇڭ» ناملىق چۆككۈنىڭ چوڭقۇر چۆكۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكىچە، خەت ئەۋەتىپ «مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاپ چارلاش ئوكيان پاراخوتىنىڭ پۈتۈپ سەپكە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەشكىچە، كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق دېڭىز قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز كېمىسازلىق سانائىتى تاجىسىدىكى «ئۈچ چوڭ مەرۋايىت» ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، «جياۋلۇڭ» ناملىق، «مېڭشياڭ» ناملىق، «شېنخەي 1 - نومۇر» قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىقى، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتا ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ماكانىنى قوغداش كېرەك.
دېڭىز - ئوكياندا بېلىق بېقىش، خەيدەي، زىسەي ئۆستۈرۈش بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، «كۆك ئاشلىق ئامبىرى» قۇرۇش، «كۆك دورا ئامبىرى» ئېچىش كېرەك، لېكىن دېڭىز - ئوكيان بويسۇندۇرۇش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئوبيېكتى بولماستىن، بەلكى ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ماكانى، ھاياتلىق بۆشۈكى.
«مانگروۋا ئورمانلىقىنى قوغداشنى مەن شيامېندا خىزمەت قىلغاندا ئۆزۈم تۇتقانىدىم. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن بىرنەچچە قېتىم يوليورۇق بەردىم. بۇ، دۆلەت گۆھىرى، چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك.» 2023 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ جەنجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تاپىلىدى: «دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» «بۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەش كېرەك».
جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتى نامايان قىلىنغان دېڭىز - ئوكيان قارىشىدا، بارلىق شەيئىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەن چوڭقۇر ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشتا تىنچ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
جۇڭگونىڭ دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى ئارزۇسى باشتىن - ئاخىر تىنچ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك ئاساسىي رېڭىنى نامايان قىلدى.
«15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭگولۇق مەشھۇر دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىش ئىزلارنى قالدۇرغان. بۇ يول ئېچىش ئىشلىرىنىڭ ئۆچمەس نام قالدۇرۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىشلەتكىنى جەڭ ئېتى ۋە نەيزە ئەمەس، بەلكى تۆگە كارۋىنى ۋە سەمىمىيلىك؛ تايانغىنى مۇستەھكەم كېمە ۋە ئۆتكۈر زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى گۆھەر كېمە ۋە دوستلۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە دېڭىز - ئوكيان جۇغراپىيەلىك ئايرىۋېتىلگەن توسۇق ئەمەس، شۇنداقلا زومىگەرلىكنى تالىشىدىغان ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى ئەمەس.
«بىز ئىنسانلار ماكانلاشقان بۇ كۆك رەڭلىك پىلانېتا دېڭىز - ئوكيان ئارقىلىق ھەرقايسى يەككە ئاراللارغا ئايرىۋېتىلمىگەن، بەلكى دېڭىز - ئوكيان ئارقىلىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ تۇتاشقان، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ - خەتەردىمۇ بىللە بولدى.» 2019 - يىلى 4 - ئايدا، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنياۋى مانگروۋا ئورمىنىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش بويىچە ھەمكارلىشىش، ئوكيانلارنى بىرلەشمە ئىلمىي تەكشۈرۈش، قۇتۇپ پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسىنى «ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆلچەش تاختىسى»، تىنچلىق ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى «سۇ كومپاسى» قىلىپ، كۆپكۆك ئوكياندا، بىز ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سۇ يولىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






