تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى

  6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە يېقىندا «2026-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا يېقىن ئەتراپتا بولۇش، ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، بارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىش بەلگىلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش، قىسقىچە تەرجىمىھال قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ياكى ئۈن، سىن قاتارلىق ئۆزىنى نامايان قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، پەن مۇسابىقىسى، ئىمتىھان گۇۋاھنامىسى، شەرەپ گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ؛ «مەكتەپ ئېچىۋېتىش كۈنى» قاتارلىق ناملار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ياكى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارنى تەكشۈرۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپى، تېز، ئاستا سۈرئەتلىك سىنىپ تەسىس قىلىش ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكشى سەپلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي سىنىپقا بۆلۈنۈشى ئالغا سىلجىتىلىپ، تەكشى سىنىپ تەشكىللەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. مەكتەپنىڭ سىنىپ تەشكىللەش لايىھەسى، جەريانى ۋە نەتىجىسى ئاتا-ئانىلارغا ئاشكارىلىنىپ، نازارەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تەرتىپنىڭ ئاشكارا، ئوچۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سىنىپ تەشكىللەش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ بېكىتىلگەن ھامان، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئوقۇۋاتقان جايى بىلەن نوپۇس تەۋەلىكى ئوخشاش بولماسلىق، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  ماتېرىيال سۈرەت

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، «مۇددىئا پۇلى تۆلەپ تىزىملىتىش» «ئالدىن قوبۇل قىلىش كېلىشىمى» «قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى» «سىنىپلارغا بۆلۈش كاپالەت كېلىشىمى» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالقىسىدا ئاتالمىش «مەكتەپ تاللاش ھەققى» «مۇددىئا پۇلى» ئېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى «پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» «مائارىپ فوندى» قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن باغلاپ قويۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە تىپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ، تىزگىنلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تىپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى تەستىقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ياش-ئۆسمۈر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىدە قاتتىق تىزگىنلىنىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، يولغا قويۇش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىش ھەم تۈرلۈك «تەييار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇۋېلىش» قىلمىشلىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ. قوللىنىش دائىرىسى ئىنگىلىز تىلىدىن باشقا چەت ئەل تىللىرى بويىچە خاس يېتىشتۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇرىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى ۋە پىلانىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش جەريانىدا مەدەنىيەت پەنلىرىدىن سىناق ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ.

  

  ماتېرىيال سۈرەت

  باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشتە توردا تىزىملىتىش يولغا قويۇلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى(قانۇنىي ۋەسىيسى) «شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت تورى»غا چىقىپ، «مائارىپ مەكتەپكە كىرىش ئىشى» سۇپىسىنى ئىشلىتىپ، «مائارىپ مەكتەپكە كىرىش ئىشى مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى» ۋە «مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسىتىش سىنى»دىكى ئەسكەرتمە بويىچە توردا تىزىملىتىدۇ. توردا تىزىملىتىش ۋاقتىنى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېلان قىلىدۇ.

  توردا تىزىملىتىش تاماملانغاندىن كېيىن، رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرتىپ بويىچە مەكتەپلەرنى توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. ئالدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئالدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىسە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى)غا ماتېرىيالىنى تولۇقلاش ياكى كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تور سىرتىدا تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇلىدۇ.

  ماتېرىيال سۈرەت

  رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش شەرتى، خىزمەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەيدۇ ھەم قوبۇل قىلغان مەكتەپ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپكە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ.

  قوبۇل قىلغان مەكتەپ رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى)غا، تەلەپ بويىچە مەكتەپكە بېرىپ نەق مەيداندا كىنىشكىلارنى تەكشۈرتۈش، مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى توپلاش، ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇشنى ئۇقتۇرىدۇ.

  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش تەرتىپى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى) مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ھەم ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى)نىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى توغرا تەمىنلەپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوپۇس دەپتىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھەم كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى پۈتكۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپ خاتالىق يوقلۇقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ بېسىپ چىقىرىدۇ. ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى) جەزملەشتۈرۈپ ئىمزا قويىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى) تەمىنلىگەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ رايونى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ.

  ئاتىسى ياكى ئانىسى (قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى) تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ خاتا بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى نىسبەتەن يېقىن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئايرىم تەقسىم قىلىدۇ.

  ھەرقايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆزى قاراشلىق مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلىنغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا بەش كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، شەھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىرتۇتاش باسقان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ قوبۇل قىلىنغان مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەم مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.