6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەت بويىچە كۆز ئاسراش كۈنى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆپىنچە ھالدا كۆزىنى باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن «چىدامچان» ئەزا دەپ قارايدۇ، لېكىن سەل قارىلىدىغان سانسىز كىچىك ئادەت كۆزنى تەدرىجىي «خورىتىدۇ».
چۈشتە ئۈستەلدە دۈم يېتىپ ئۇخلاش، تاماقنى يەپ بولۇپلا بالىغا تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش، چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يان تېلېفون كۆرۈش... بۇ ئادەتلەر كۆزنى زادى قانچىلىك زەخىملەندۈرىدۇ؟ تۆۋەندە بارلىق كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھەممىدىن بەك نەپرەتلىنىدىغان، ھەممىدىن بەك ئۆزگەرتىشىڭىزنى خالايدىغان ئون تۈرلۈك «كۆزنى زەخىملەندۈرىدىغان ئادەت» تىزىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.


AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان سۈرەت.
كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى ھەممىدىن بەك ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئويلايدىغان ئون تۈرلۈك كۆزنى زەخىملەندۈرىدىغان ئادەت
1. تاماقتىن كېيىنلا بالىغا دەرھال تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش
كۆپلىگەن ئاتا-ئانا تاماقتىن كېيىنلا بالىلىرىغا دەرھال تاپشۇرۇق ئىشلەشنى بۇيرۇيدۇ، بۇ، قارىماققا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆرۈش ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ. بېيجىڭ داشۆ 1-دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى رۇڭ بېي 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلق گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: تاماقتىن كېيىن قان مەركەزلىك ھالدا ئاشقازان-ئۈچەي يولىنى تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز ۋە چوڭ مېڭىنى تەمىنلەيدىغان قان يېتىشمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلەتكەندە كىرپىكسىمان مۇسكۇل ئاسانلا چارچايدۇ.
ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا، ئاسانلا ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەقىقىي يىراقنى كۆرەلمەسلىككە ئايلىنىدۇ. تاماقتىن كېيىن 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ئامال بار يېقىن ئارىلىقتا ئۈستەلگە يۆلىنىپ ئۆگىنىش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. كۆز قۇرغاقلىشىپ قىچىشسا ئىختىيارسىز ئۇۋۇلاش
كۆز قۇرغاقلىشىپ قىچىشقاندا كۆزنى ئۇۋۇلىسا گەرچە قىچىشىش ۋاقىتلىق توختىسىمۇ، لېكىن مېخانىكىلىق غىدىقلاشقا ئۇچراش سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ ھەم قانچە ئۇۋۇلىغانسېرى شۇنچە قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، قىزىرىش كېلىپ چىقىدۇ. قولدىكى باكتېرىيە، ۋىرۇسلار يەنە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، يىڭناسقۇ چىقىش (كۆز قىزىرىش كېسىلى، يىڭناسقۇ كۆز)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆز بىئارام بولۇشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. كۆز دورىسى سۇيۇقلىقى، كۆز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى خالىغانچە ئىشلىتىش
بەزى ۋاڭخۇڭ كۆز دورىلىرى توردا چارچاشنى پەسەيتىش، قىل قان تومۇرلارغا قان تولۇشنى يوقىتىش ئۈنۈمى بار، دەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ، لېكىن ئۈنۈمى ۋاقىتلىق بولۇپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالىيالمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە ئەكسىچە كۆزنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كۆز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياش پەردىسى ۋە كۆزنىڭ تاشقى مىكرو مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، كۆزنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى بار، كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەخسۇس يۇيۇش ھاجەتسىز. كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
4. كۆزگە ئۇزاق ۋاقىت گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش
كۆز گىرىم بۇيۇملىرى، مەسىلەن: كۆز قەلىمى، كۆز سۇرۇخ، كىرپىك لاكى، سۈنئىي كۆز قارىچۇق، گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار مېخانىكىلىق سۈركىلىش، خىمىيەلىك يۆتكىلىش، زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى مىكرو جانلىقلار يۇقۇملاندۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كۆزنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزگە گىرىم بۇيۇملىرى كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
5. يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاش ۋاقتى 12 سائەتتىن ئېشىپ كېتىش
ئۇزاق ۋاقىت يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقىغان (12 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، ھەتتا ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ تاقىغاندا)دا، كۆزەينەكنىڭ ئەينىكى خۇددى بۇلۇت (海绵)قا ئوخشاش كۆز ئالمىسىدىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، كۆز قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇزاق ۋاقىت تاقىغاندا مۈڭگۈز پەردىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، كۆزدىكى قىلدام قان تومۇرلارغا قان تولۇپ (قىلدام تومۇرلاردىكى قان قارا رەڭدىكى كۆز ئالمىسىغا ئېقىپ كىرىش)، مۈڭگۈز پەردە كېسەللىكلىرى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خەلق گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تەمىنلىگەن سۈرەت.
ساۋ زىخاۋ فوتوسى
6. كەچتە چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون كۆرۈش
چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يان تېلىفون كۆرۈش دائىم كۆرۈلىدىغان ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئادەت، لېكىن بۇنداق قىلغاندا كۆز «قاراڭغۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ». قاراڭغۇ مۇھىتتا، كىرپىكسىمان مۇسكۇل تېخىمۇ ئاسان چارچايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇيقۇ كېچىكىش، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ.
7. كۈندىلىك تۇرمۇشتا شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش
ئەتكەن چاي، پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىق شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر كىشىنى خۇشال قىلسىمۇ، لېكىن بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا چىش قۇرتلاش، سەمرىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ، يەنە كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك: ئۇ ۋىتامىن B1 (كۆرۈش نېرۋىسىنى قوغدايدۇ) ۋە كالتسىي (كۆز ئالمىسى دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ)نى خورىتىپ، كۆرۈش نېرۋىسى ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشى، كۆز ئالمىسىنىڭ ئاسان يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆز ئوقىنىڭ زىيادە ئۇزىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
8. يول ماڭغاندا ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا يان تېلېفون كۆرۈش
يول ماڭغاچ يان تېلېفونغا قارىغاندا، ئارىلىق، ئورۇن ۋە نۇر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، كۆز فوكۇس ئارىلىقىنى توختىماي تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ، كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ سىجىل جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا چارچاش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى پەيدا قىلىدۇ.
ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا يان تېلېفون كۆرگەن ياكى كىتاب ئوقۇغاندا، كۆرۈش سىزىقى تەۋرىنىپ، قالدۇق نۇر كۆرۈنۈشى تېز ئالمىشىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى ئۆزلۈكسىز تەڭشەشكە مەجبۇرلاپ، ناھايىتى تېز كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئاسانلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. چۈشتە ئۈستەلگە باشنى قويۇپ دۈم يېتىپ ئۇخلاش
چۈشتە ئۈستەلگە باشنى قويۇپ دۈم يېتىپ ئۇخلاشنىڭ زىيىنى چوڭ بولۇپ، يۈزنى ۋە كۆز قارىچۇقىنى بېسىپ، كۆز بېسىمىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش، كۆز غۇۋالىشىش قاتارلىق چوڭ مېڭىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە كۆز قارىچۇقى يوغىناش، كۆز ئوقى ئۇزىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا يۇقىرى دەرىجىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا گىلاۋكوما قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
10. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دالا پائالىيىتىگە ناھايىتى ئاز قاتنىشىش
ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئۆگىنىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت! سىرتتا قۇياش نۇرىدا پائالىيەت قىلىش بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر، دالا پائالىيىتى كەمچىل بولۇش بالدۇر يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يەتتە خىل سىگنال كۆرۈلسە پەرۋاسىز يۈرۈۋەرمەڭ، كۆزىڭىز «ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان» بولۇشى مۇمكىن
كۆزنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ چېكى بولىدۇ، تۆۋەندىكى ھەرقانداق بىر سىگنال كۆرۈلسە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك.
1. كۆز چىڭقىلىش ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىش
ئاندا-ساندا كۆرۈلسە كۆز چارچاش ياكى قان تومۇر مەنبەلىك باش ئاغرىقى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر دائىم كۆرۈلسە ھەم باش ئاغرىش، كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى كۆرۈش دائىرىسىدە كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈش قوشۇلۇپ كەلسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك گلاۋكومادىن پەخەس بولۇش كېرەك. ئەگەر كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش بىلەن بىللە، شۇ كۆز بىلەن ئوخشاش تەرەپتە قىسمەن باش ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە، جىددىي خاراكتېرلىك كۆز دالانچىسى ئېغىزى توسۇلۇش تىپىدىكى گلاۋكوما بولۇشى مۇمكىن.
2. كۆز ئالدىدا قارا كۆلەڭگە پەيدا بولۇش
ئەينەكسىمان تەنچە دۇغلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا نۇر چاقناش سېزىمى كۆرۈلسە، ئەينەكسىمان تەنچە كەينىگە ئاجراش ياكى كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ئالامەتلىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
3. كۆز قۇرغاقلىشىپ كۆز ئالدىدا بىر نەرسە باردەك سېزىم پەيدا بولۇش
كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز ئالدىدا بىر نەرسە باردەك سېزىم پەيدا بولۇش، كۆيگەندەك سېزىم بولۇش ياكى كۆرۈش ئىقتىدارى ئۆزگىرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى دائىم كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ.
4. تۇيۇقسىز بىر نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك
بۇ، كۆز تېگىدىكى قان تومۇرلار توسۇلۇش، ئەينەكسىمان تەنچىگە قان يىغىلىش، كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ياكى گلاۋكوما قاتارلىق جىددىي، ئېغىر كۆز كېسەللىكلىرىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
5. تەدرىجىي ئېغىرلايدىغان كۆزنىڭ غۇۋالىشىشى
بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەردە ئالدى بىلەن كۆزدە نۇر سۇندۇرماسلىق (يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق) كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكى ئويلىشىلىدۇ؛ 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەردە بولسا كۆز تورلىشىش، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، سوزۇلما گلاۋكوما، ياشانغانلاردىكى سېرىق داغ ئۆزگىرىشچانلىقى ياكى باشقا كۆز تېگى كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
6. كېچىدە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك
تۈن قارىغۇسى كۆرۈلگەندە، ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندىن باشقا، يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ، كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
7. نەرسىگە قارىغاندا شەكلى ئۆزگىرىش ياكى قوش كۆرۈنۈش
نەرسىلەرگە قارىغاندا نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلسە سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئېھتىماللىقىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدا نەرسىلەرنى كۆرگەندە قوش كۆرۈنىدۇ، ئەگەر بىر كۆز نورمال بولسا، كۆپىنچە كۆز سىرتقى مۇسكۇلى تورمۇزلانغان بولىدۇ؛ بىر كۆز بىلەن نەرسىلەرنى كۆرگەندە قوش كۆرۈنسە، بۇ، نۇر سۇندۇرۇش توغرا بولماسلىق، دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، كۆز تېگى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى ھىستېرىيە كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
كۆزنى ئىلمىي ئاسراشنى بۇ سەككىز كىچىك ئىشتىن باشلاڭ
كۆزنىمۇ ئاپتاپتىن ياخشى ساقلاش كېرەك
قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى كۆز ئاستى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قۇياش نۇرى كۈچلۈك ۋاقىتتا سىرتقا چىققاندا كۆزنى ياخشى قوغداپ، قارا كۆزەينەكنى مۇۋاپىق تاقىۋېلىڭ.
كۆزنى ئاسراش ئۈچۈن كۈندە كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىڭ
كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىشتىن باشقا، يەنە «كۆز چىمچىقلىتىش گىمناستىكىسى» ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ، كۆز چارچاشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئىككى كۆزىڭىزنى ئىككى سېكۇنت يېنىك يۇمۇپ، ئىككى سېكۇنت چىڭ يۇمۇپ، ئىككى سېكۇنت ئېچىڭ، بىر قېتىمدا بىر مىنۇت مەشىق قىلسىڭىز، كۆزىڭىز تېخىمۇ راھەتلىنىدۇ.
كۆزنى ئارام ئالدۇرۇپ، يىراقلارغا كۆپرەك قاراپ بېرىڭ
ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قارىغاندا، «20-20-20 قائىدىسى»گە ئەمەل قىلىپ، يېقىن ئارىلىققا 20 مىنۇت قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن 20 فۇت (تەخمىنەن 6 مېتىر) يىراقلىقتىكى سىرتقا 20 سېكۇنت قاراڭ، ئەڭ ياخشىسى دالىغا بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، كۆز مۇسكۇللىرىڭىزنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇڭ.
چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يان تېلېفونغا قارىماڭ
قاراڭغۇ جايدا ياكى كېچىدە چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قاراشتىن ساقلىنىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئارام ئېلىڭ.
ئېكرانغا بەك يېقىن قارىماڭ
ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا بەك يېقىن قارىماڭ، مەسىلەن: يان تېلېفون ۋە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب بىلەن بولغان كۆرۈش ئارىلىقىڭىز ئاز دېگەندە 30 سانتىمېتىر، كومپىيۇتېر بىلەن بولغان ئارىلىقىڭىز ئاز دېگەندە 60 سانتىمېتىر، تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىقىڭىز ئاز دېگەندە ئۈچ مېتىر بولۇشى كېرەك.
كۆزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ
كۆپلىگەن ئۆي ئىچىدىكى مەيدان-سورۇنلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغاچقا، ھاۋا ئېقىمى كۈچلۈك، ھاۋانىڭ نەملىكى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ، كۆز سىرتقى يۈزىدىكى ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، كۆز قۇرغاقلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. نەملىك ئاشۇرغۇچ قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئىشىڭىز بولمىسا كۆپرەك سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىڭ
مۇۋاپىق دالا پائالىيىتى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆز چارچاشنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي نۇر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
كۆزىڭىزنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، ھەممىسى كۆرۈش ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى باشقا نورمالسىز ئالامەتلەر بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاخىرقى ئەسكەرتمە:
كۆز بىزنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ ھېس قىلىشىمىزدىكى ئەڭ بىۋاسىتە «كۆزنەك»، شۇنداقلا ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان ساغلاملىق ئامىلى. كۆپ ساندىكى كۆز كېسەللىكلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدە بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز دائىم «كۆرگىلى بولۇش»نى «كۆزىمىزدە مەسىلە يوق» دەپ قارايمىز. يۇقىرىقى يەتتە سىگنالدىن بىرى كۆرۈلسىمۇ، جەزمەن كۆزىڭىزگە ئېتىبار بىلەن قارىشىڭىز كېرەك.
«خەلق گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






