مائاش كارتىڭىزغا
مۇشۇ ئايدىن باشلاپ
بىر ئۈلۈش پۇل كۆپرەك كىرىشى مۇمكىن
6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ
پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ ساندىكى رايونلار
ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلى
تارقىتىشقا باشلىدى
يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلى توغرىسىدا
«ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچىلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارسا، قانۇن بويىچە ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا سىرتتا، ئۈستى ئوچۇق مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەتمىسە، ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلى بېرىشى ھەمدە مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىرتتا مەشغۇلات قىلغاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ئۈستى يېپىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرگە ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەتمىسە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلى ≠ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ھەققى

يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلىنى ئەمگەكچى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە نورمال خىزمەت ۋاقتىدىكى مائاشقا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلىنى ئەمگەكچىلەرگە قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل شەكلىدە تارقىتىپ بېرىش كېرەك، سوغۇق ئىچىملىك، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار ياكى تۈرلۈك باھالىق ئاكسىيەلەرنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.
ھازىرغا قەدەر
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قوشۇمچە پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە↓
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






