تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇزۇن سەپەر: تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىشتىكى قەھرىمانلىق داستانى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاڭ جيەنخۇي

«دوكلات، يىغىلىپ بولدۇق!» «ھۆرمەت −»

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر «خوشلىشىش» جياڭشىنىڭ يۈدۇ ناھىيەسىدىكى چېڭدۇڭمېن كېچىكىدە ئورۇنلاندى، ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە پىدائىيلار ئىدى. تىياتىر 1934 - يىلى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ قىزىل ئارمىيە سەپەرگە ئاتلانغاندا ئۇزاتقان كۆرۈنۈشىنى قايتا نامايان قىلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈۋاتقان نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كۆز چاناقلىرىنى نەمدىدى.

«جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ھەرىكەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە پۈتۈپ چىققان سەلتەنەتلىك داستان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ھەيۋەتلىك ئابىدە» قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

1934 - يىلى 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش مەغلۇپ بولۇپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. بوران - چاپقۇنلۇق يىللاردا، قەھرىمان قىزىل ئارمىيە شياڭجياڭ دەرياسى بويىدا قانلىق جەڭ قىلىپ، چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە تارتىۋېلىپ، دۇشۇ بازىرىدا شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، باۋزونى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ، ۋۇمېڭشەن تېغىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، قوغلاپ زەربە بېرىش ۋە توسۇش ئۈچۈن كەلگەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەشەددىي دۈشمەننى چېكىندۈرۈپ، ھاۋاسى شالاڭ مۇز تاغ، قارلىق چوققىلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئادەم ئاياغ باسمىغان سازلىق، ئوتلاقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئون نەچچە ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈردى.

قىيىنچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى دۈشمەنگە قارشى 600 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ، 100گە يېقىن دەريادىن ھالقىپ ئۆتتى، 40تىن ئارتۇق ئېگىز تاغ، خەتەرلىك چوققىلاردىن يامىشىپ ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان قارلىق تاغدىن 20 نەچچىسى بار.

ئۇزۇن سەپەرنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، كۆلىمى چوڭ، مۇساپىسى يىراق، مۇھىتى خەتەرلىك، جەڭ ئېچىنىشلىق بولۇپ جۇڭگو تارىخىدا كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، دۇنيا ئۇرۇش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ھەر كۈنى بىر قېتىم دېگۈدەك دوقۇرۇشما جەڭ قىلىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - جەڭچى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا قۇربان بولغان ياكى يوقاپ كەتكەن. سەپەر جەريانىدا، قىزىل 1 - يۆنىلىش ئارمىيەسىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىر ئارىلىقتا بىر نەپەر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى جەڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ قەھرىمانلىق بىلەن قىلىنغان بىر قېتىملىق جەڭ بولۇپ قالغان.

1935 - يىلى 1 - ئايدا ئېچىلغان زۇنيى يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. پارتىيەمىز ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنقىلاب ئىشلىرىنى غەلىبىگە يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى.

1936 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى گەنسۇ خۇينىڭغا يېتىپ بېرىپ، قىزىل 1 - يۆنىلىش ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قىزىل 2 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى گەنسۇنىڭ لۇڭدې جياڭتەيباۋ (ھازىر نىڭشيانىڭ شىجىغا تەۋە)غا يېتىپ كېلىپ، قىزىل 1 - يۆنىلىش ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن قىزىل 2 - يۆنىلىش ئارمىيەسى، قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىدى. جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو ئىنقىلابىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى.

ئۇزۇن سەپەر خىتابنامە، ئۇزۇن سەپەر تەشۋىقات ئەترىتى، ئۇزۇن سەپەر ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى. ئۇ گومىنداڭنىڭ قورشاپ توسۇشىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى جاكارلاپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، يول بويى ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چېچىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئىلھام بەردى.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر تارىخى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش تارىخى.

خۇنەننىڭ رۇچېڭ ناھىيەسىدىكى شاجوۋ كەنتىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسى شۈ جيېشيۇ موماينىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، ماڭىدىغان چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ مومايغا قالدۇرۇپ قويدى. موماي مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە دېگەن نېمە؟ كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆزىنىڭ بىر يوتقىنى بولسىمۇ، يېرىمىنى كېسىپ پۇقرالارغا بېرىدىغان كىشى.

خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇش، تومۇرداش بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

«قورقمىدى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن، مۈشكۈل سەپەردىن ھېچقاچان، قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ - داۋان.» ئۇزۇن سەپەر يولىدا، يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد قىزىل ئارمىيەنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردى، غايە - ئېتىقاد ئوتى يانغان ھامان غايەت زور مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلدى.

ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ئۇزۇن سەپەر بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ئۇ بۇرۇنلا مىللەتنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

يىللار توختىماي ئۆتسىمۇ، روھ مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. تارىختىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 90 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە نەزەر سالساق، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدۇ.

2021 - يىلى 4 - ئايدا، ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلىپ شياڭجياڭ دەرياسى بويىدا قانلىق جەڭ قىلغان جەڭ مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مىڭلىغان لەشكەرنى گۇم قىلدۇق تامام قوغلاپ - سۈرۈپ. كېيىنكى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا بىزدە جەزمەن مۇشۇنداق غەلىبە قىلىش ئېتىقادى بولۇشى كېرەك. قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئويلايلى، شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قانلىق جەڭنى ئويلايلى.»

ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپەر يولى بولىدۇ، ھەربىر دەۋر كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، داۋاملىق يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.