□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي
6 - ئايدىكى شىنجاڭ داشۆنىڭ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ھازىرقى زامان مەنزىرىسى بىلەن گىرەلىشىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، تارىخ جۇغلانمىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
1924 - يىلى، شىنجاڭ رۇس تىل - يېزىقى قانۇن - سىياسىي مەخسۇس مەكتىپى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، كېيىن نەچچە قېتىم نامى ئۆزگەرتىلىپ قايتا تەشكىللەندى. 1960 - يىلى، شىنجاڭ داشۆگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ بولۇپ قالدى.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى بېكەتتە شىنجاڭ داشۆگە كەلدى. باش شۇجى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ داشۆنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلىرى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇردى.
قىزىل تومۇر مەنبەسىنى ئىزدەپ، چېگرا شەھەردە يىلتىز تارتىش
شىنجاڭ داشۆ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىغا كىرگەندە، يۈ شيۇسۇڭ يولى، لىن جىلۇ چوڭ يولى، دۇ جۇڭيۈەن يولى، شېن يەنبىڭ يولى، جاۋ دەن يولى... غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ مەكتەپ يوللىرىغا مەكتەپنىڭ 100 يىلدىن ھالقىغان قىزىل ئىزلىرى ئۇيۇلۇپ، «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى»نىڭ قاينام - تاشقىنلىق ئۆتمۈشىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كوممۇنىستلاردىن يۈ شيۇسۇڭ، لىن جىلۇ ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زات دۇ جۇڭيۈەن قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۆيۈەنى(شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى)غا كېلىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان. يۈ شيۇسۇڭ «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ماركسىزمنى سىستېمىلىق تارقىتىپ، زور بىر تۈركۈم ياش ماركسىزم - لېنىنىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئىنقىلاب ئوتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش داغدۇغىلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قوزغىغان، مەكتەپمۇ شۇ سەۋەبتىن «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق يۆلىدى. چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو خەلق داشۆسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ياردەم بېرىپ قۇرۇشقا ئارقا - ئارقىدىن تاللاپ ئەۋەتتى. تۈركۈم - تۈركۈم مائارىپ خىزمەتچىلىرى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا رايونغا بېرىپ، «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى»نىڭ كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشتى.
يۈ شيۇسۇڭ يولىنى بويلاپ ئالدىغا ماڭغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك بىر سېرىق رەڭلىك بىنا كۆزگە چېلىقىدۇ − بۇ جاي 100 يىللىق قىزىل گېن مۇجەسسەملەنگەن شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى. 1952 - يىلى سېلىنغان بۇ ئىمارەت 2014 - يىلى رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى، 2022 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزگىچە مۇزېي تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى قىزىل تەربىيە ئۆرنىكىگە ئايلاندى. مەكتەپ تارىخى سارىيىدا ئالتە چوڭ باش تېما كۆرگەزمە زالى بار بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ قول يازمىسى، دۇ جۇڭيۈەننىڭ يادىكارلىقلىرى قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەتىۋارلاپ ساقلانماقتا، 2023 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي بۇيۇم 50 پارچىدىن ئاشتى.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ مەكتەپ تارىخى سارىيى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «شۇ كۈنى مەن باش شۇجىغا مەكتەپنىڭ تارىخىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردۇم.» ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ فۇئېن ھېلىھەم ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالمايدۇ.
يۈ فۇئېن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىنى كۆپ قېتىم تەڭشەپ، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپ تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇپ، قىزىل تارىخىي ماتېرىياللارنى چوڭقۇر قازدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئېكسكۇرسىيەچىلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا كۆپىيىپ، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش
خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىنىڭ بىر تەرىپىدە، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى قويۇق ئىدى.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ شۆيۈەن ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ داشۆ «ئانار گۈلى ئېچىلىپ تىيانشانغا ھۆسن قوشۇش، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىدىكى ھېكايىلەردىن بەھرىلىنىش يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى قاتارلىق جانلىق ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، ھەقىقىي تەسىراتى ئارقىلىق شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
شىنجاڭ داشۆ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈردى. 2020 - يىلى 2 - ئايدا، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشىپ، مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
«مەكتىپىمىز بازىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بازىنى ماركسىزم شۆيۈەنىگە ماكانلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى، پەن قۇرۇلۇشى، ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنجۈن.
ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دەرسىنى نۇقتىلىق تەسىس قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش كۈرىشى تارىخى»نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتتى؛ لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا تايىنىپ مەكتەپ سەنئەت - تىياتىر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قىزىل تىياتىرلارنى ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۆزلىرى ئورۇنلىدى؛ «جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخى پىروگراممىسى» دەرسخانىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسى ئالدىدا چېگرا رايوندىكى ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئەسلىدى؛ دائىملىق قىزىل ئوچۇق دەرس تەسىس قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەت كارىدورى بەرپا قىلىپ، يەرلىكتىكى قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قازدى... يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، تەتقىقات، بايان قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۇپا ۋاسىتىسىنى بېيىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.
شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دەي بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتىپىمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش
«مىللەتنىڭ تەقدىرى زىممىمىزگە يۈكلەندى، تىرىشايلى، كېچىكتۈرمەيلى...» ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ تېكىستىنى يازغان «ياشلىق باھارىمىز ئۇرغۇپ تۇرماقتا» ناملىق بۇ ناخشا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، چېگرا رايون ياشلىرىنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ جۇشقۇن مېلودىيە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭ داشۆلىكلەرنى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە.
بۇ يىل 3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ داشۆ كومىتېتى، شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى باشقۇرۇش - يېتەكچىلىك كومىتېتى شىنجاڭ داشۆ قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە «ياشلىقىمدىكى مەن» «چىخې» يۈرۈشلۈك قىزىل مەدەنىيەت بويىچە ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە تور ئارقىلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلىم - پەن ئوبزورى، كۆرۈش سېزىمى بويىچە تارقىتىش قاتارلىقلارغا دائىر 60 نەچچە پارچە ئەسەر قوبۇل قىلىندى، ئوقۇغۇچىلار قىزىل ھېكايە، ياشلىق باھارىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەلىمى ئارقىلىق قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا نەزەر سېلىپ، يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
«بىز يېزىق ۋە كامېرا ئارقىلىق ئېتىقادنى خاتىرىلىدۇق، ئىنقىلابىي ئەجدادلار بىلەن زامان - ماكان ھالقىغان سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ياشلىق باھارىمىزدىكى بۇ ئەكس سادا مەكتىپىمىزدە سىجىل ياڭرىماقتا.» مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى جاڭ جېڭياڭ تارىخنىڭ «ئاساسىي رېڭى»نى ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ «خىسلىتى»گە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېتىقادقا دەۋر ھالقىپ ۋارىسلىق قىلىشنى بايان قىلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېنگۇەن يۈجيې يازلىق تەتىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى يېزىپ، كونكرېت مىساللار ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق بايان قىلىمىز.» 2024 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت ئىپتىخار قەيسەر كۆپ قېتىم كوللىكتىپقا ئەگىشىپ يېزىلارغا زىيارەتكە باردى، «يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەق مەيداندا گۇۋاھ بولغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى ھەر يىلى ئۆمەك تەشكىللەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلاپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. نۆۋەتتە، مەكتەپ شىنجاڭ بويىچە 26 ئورۇندا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پونكىت - نۇقتىسى قۇرۇپ، شۇ جاي بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى ئورتاق قۇردى.
100 يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش يولىدا تومۇرىمىزدا جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسى روھى داۋاملاشماقتا. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى»دىن يېڭى دەۋردىكى «قوش بىرىنچى دەرىجىلىك» ئالىي مەكتەپ قۇرۇشقىچە، شىنجاڭ داشۆ يەنئەن جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسىنىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، قىزىل چوغنى تىيانشان ئېتىكىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزمەكتە، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرماقتا.






