□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن پېڭچېڭ، مىن زۇنتاۋ
جىڭگاڭشەندىكى تاغ چوققىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىكى مۇستەھكەم ئېتىقاد بۇ مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.
«جىڭگاڭشەن تېغى ئىنقىلابىي تاغ، جەڭگىۋار تاغ، شۇنداقلا قەھرىمان تاغ، شەرەپلىك تاغ، ھەر قېتىم كېلىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتكىنىمىزدە، ئىدىيەمىز تاۋلىنىپ، قەلبىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» 2016 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شۇنداق دېدى.
2026 - يىلى باش يازدا، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ياپيېشىل قارىغايلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك ئىدى. گەرچە ھاۋا بارا - بارا ئىسسىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
قەبرىستانلىق خاتىرە سارىيى ئالدىدا، تاغ شامىلى قارىغاي شاخلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى؛ تەزىيە بىلدۈرۈش زالىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر قارا مەرمەر تاش تامغا ئويۇلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق نامىغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ تۇراتتى، ئۇلار نەزەرىنى ئوتتۇرىدىكى نامسىز قەھرىمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاق مەرمەردىن ياسالغان خەتسىز ئابىدىگە تىككەنىدى.
«ئىلگىرى دەرسلىكتە <قۇربان بېرىش> <ئۆزىنى بېغىشلاش> دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغاندا، ھەمىشە ئۆزۈمدىن ناھايىتى يىراقتەك ھېس قىلاتتىم. بۈگۈن تامدىكى زىچ يېزىلغان ئىسىملار ۋە ئۇ خەتسىز ئابىدىنى كۆرۈپ، ئاندىن ھازىرقى خاتىرجەملىكنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم» دېدى شېنجېن جىڭخۇا جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شيې لۇڭپىڭ.
ۋاقىت يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرىكىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق چوڭقۇر ھاڭىغا پېتىپ قالدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلاتى قايتا - قايتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بەزى كىشىلەر ئىنقىلابتىن ئۈمىدسىزلەندى. قانلىق ساۋاقلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا، شەھەرلەردە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ياكى چوڭ شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
1927 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتى دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 1 - جۈن 1 - شىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، خۇنەن - جياڭشى پاسىلىدا كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغىدى. شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن جەنۇبقا يۆتكىلىشكە باشلىدى، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جياڭشىنىڭ يۇڭشىن سەنۋەن كەنتىگە يېتىپ كەلگەندە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، پارتىيەنىڭ ياچېيكىسى ليەندە قۇرۇلۇپ، تەشكىلىي جەھەتتىن پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان رەھبەرلىكى تىكلەندى.
1927 - يىلى 10 - ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن جىڭگاڭشەنگە يېتىپ كېلىپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى بەرپا قىلىش كۈرىشىنى باشلىدى. 1928 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ قىسىمنى باشلاپ گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 1 - قېتىملىق «ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىش»ىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى.
جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسى ئىشچى - دېھقانلار قوراللىق ئايرىلىپ تۇرۇش ئۇچقۇنىنى ياندۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئالدىنقىلار مېڭىپ باقمىغان توغرا يولنى ئېچىپ بەردى.
تايانچ بازىنى بەرپا قىلىش كۈرىشىدە، قىسىملار ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، ئالتە دىققەتنى ئىجرا قىلدى. كېيىن ئالتە دىققەت يەنە تەرەققىي قىلىپ سەككىز دىققەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
1928 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، جۇ دې، چېن يى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ساقلىنىپ قالغان قىسىمنى ۋە جەنۇبىي خۇنەن قوزغىلاڭچى دېھقانلار قوشۇنىنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە كېلىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىسىم بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 4 - جۈنىنى قۇردى، كېيىن نامى ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 4 - جۈنى، دەپ ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە 4 - جۈنى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 2 -، 3 -، 4 - قېتىملىق «ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىش»ىنى ئارقا - ئارقىدىن تارمار قىلىپ، تايانچ بازىنى كۈنسېرى كېڭەيتتى.
1928 - يىلى 6 - ئايدا، جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسى ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. خۇاڭياڭجيېنى قوغداش جېڭىدە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، جىڭگاڭشەن «يەر قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، نامرات دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلدى... جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان ھەرقايسى جايلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ، ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئېتىقادنى چىڭىتىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، يېڭى يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش، ئاممىغا تايىنىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت جىڭگاڭشەن روھى شەكىللەندى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.
جىڭگاڭشەن روھى بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىمىزنى مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جىڭگاڭشەن روھى، سوۋېت رايونى روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تاۋلاپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، پائال يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
«2025 - يىلى، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى كۈتۈۋالغان باغچىغا كىرگەن ئېكسكۇرسىيەچى 638 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ جايغا كېلىپ قىزىل روھنى ھېس قىلدى، ئەسلىي مەقسەت ئېتىقادى ئۈستىدە ئىزدەندى»، دەپ تونۇشتۇردى جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى فېڭ جيەنخۇي.
جىڭگاڭشەندە بامبۇكلار دائىم كۆكىرىپ، مەزمۇت ۋە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئۇ بوران - چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسىمۇ، ئەزەلدىن رەڭگىنى ئۆزگەرتمىدى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوغ مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جاراڭلىق ئىدى: «بىز يېڭى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن غايىگە ئىنتىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ يېڭى يول ئېچىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، ئاممىغا تايىنىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جىڭگاڭشەن روھىنى يېڭى دەۋر نۇرى چېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)






