□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىردىم...» 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئازراق سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى قەتئىي بولغان ھەربىر جۈملە قەسەم ساداسى 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36 - ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ جايدا «ياشلىق باھارىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش . يېڭى مۇساپىدە ئارزۇغا ئىنتىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى يېڭى ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، 150 ئوقۇغۇچى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىردى.
8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى، چېن يۈننىڭ مىس ھەيكىلى ۋە خاتىرە سارىيىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 6431 كىۋادرات مېتىر. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، بۇ قىزىل مەيدان - ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل تارىخقا نەزەر سېلىش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
تىيانشان ئېتىكىدە ئاساس سېلىش
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى 392 - نومۇرلۇق قورۇدا كۆك خىشلىق، كۈل رەڭ كاھىشلىق، قىزىل ئۆگزىلىك، سېرىق تاملىق ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان يېڭى ساراينىڭ تورۇسىدىكى قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ، بۇ دەل 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى. مەملىكەت بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان 11 «8 - ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى» ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خاتىرە سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلانغان ئۇلۇغۋار تارىخقا گۇۋاھ بولدى.
1937 - يىلى 7 - ئايدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى قۇرۇلدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلۇپ، سىرتقا قارىتا «نەنلياڭ 3 - مېھمانخانىسى» دەپ ئاتالدى. يولداش چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100دىن ئارتۇق كادىرنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتى.
«8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشىدىكى تۈگۈن، يەنئەن بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى <كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە>، خەلقئارادىن جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان مۇھىم ئۆتەڭ بېكەت.» 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: 1962 - يىلى كونا ئورۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ھەم «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى» دەپ نام بېرىلدى، 1965 - يىلى 10 - ئايدا نامى «8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى»غا ئۆزگەرتىلدى، 1974 - يىلى يولداش دۇڭ بىۋۇ خاتىرە سارايغا ساراي نامىنى يېزىپ بەردى.
2021 - يىلى 6 - ئايدا، يېڭى ساراينىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، كونا ئورۇننىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىش بېجىرىش ۋە تۇرمۇش مەنزىرىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ كىچىك بىناغا كىرگەندە، 1 - قەۋەت تەرتىپ بويىچە مۇھاپىزەتچىلەر ئىشخانىسى، ئاشخانا، ئىش بېجىرىش رايونى ھەم خىزمەتچى خادىملار ياتىقى ئىدى؛ 2 - قەۋەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېھمان قوبۇل قىلىش زالى، مەخپىيەت ئىشخانىسى، ئىشخانا، ياتاق قاتارلىقلار ئىدى. ئۆي ئىچىگە قويۇلغان ياغاچ ئۈستەل - ئورۇندۇق، ياغاچ كارىۋات، سافا، قەلەمدان، كىرسىن چىراغ قاتارلىق بۇيۇملار ئەينى يىللاردىكى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈستەلگە ئېڭىشكىنىچە پۈتۈن دىققىتى بىلەن خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ئۈن - تىنسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇراتتى.
جاڭ خەيفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆي ئىچىنى سەرەمجانلاشتۇرۇش تارىخقا قاتتىق ئاساسلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، كونا ئورۇن ئىچىدىكى بىر قىسىم قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەسىلەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىشلەتكەن يۇڭ ئەدىيال، قۇلاقچا قاتارلىقلار پۈتۈن گەۋدە بويىچە يېڭى ساراي كۆرگەزمە زالىغا يۆتكەپ كېلىنىپ مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، «بوشلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەسى بىر - بىرىنى تولۇقلاش»تىن ئىبارەت قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەندىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كونا ئورۇندىكى يېڭى سارايدا ئەسلىي مەقسەتنى داۋاملاشتۇرۇش
ئىنقىلابىي كونا ئورۇننى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، قىزىل تەربىيە بازىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، كونا ئورۇننىڭ يېنىدىكى بىر يېڭى ساراي پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى. بىنانىڭ ئۆگزىسىدىكى قىپقىزىل بەش يۇلتۇز پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىنىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ تۇپرىقىنى يورۇتۇپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە سىمۋول قىلىندى.
بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى، كونا ئىككى ساراي بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالدى. سارايدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى 4000دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 16سى بار، بۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدا ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغان، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى ھەقىقىي تۈردە قايتا نامايان قىلىپ بەردى.
«كاللىمىز كەتسىمۇ، ئەركىنلىكنىڭ ئالتۇن مۇنارىنى تىكلەيمىز؛ قىپقىزىل قېنىمىز بىلەن قىزىل بايراقنى بوياپ، ئۇزاققىچە جەۋلان قىلدۇرىمىز!» ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ ئىجاد قىلغان «مەھبۇسلار ناخشىسى» ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. چۈشەندۈرگۈچى غەلىبە سىراجىدىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 1943 - يىلى، لىن جىلۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، تۈرمىدە ئۇ باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، شېئىر ئارقىلىق ھەمراھلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇردى. قەغەز، قەلەم بولمىغاچقا، ئۇ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن شياڭ ئۇچىدا خەت يازدى، بۇ «مەھبۇسلار ناخشىسى» يەنە تۈرمىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىدىكى مەنىۋى كۈچ بولۇپ قالدى.
ھەربىر تەسىرلىك ھېكايە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. «ئەينى چاغدا شارائىت شۇنچە جاپالىق، مۇھىت شۇنچە ناچار بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، بۇ خىل روھ بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.» ئېكسكۇرسىيەچى ۋۇ يۇڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، خىزمەتنى پۇختا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىمەن.
«چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 43 - باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق كۆپلىگەن مەكتەپلەرگە كىردى؛ شىنجاڭ داشۆ بىلەن ھەمكارلىشىپ مەخسۇس تېمىلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى بېيىتتى؛ جوۋ ئېنلەي خاتىرە سارىيى بىلەن بىرلىشىپ رايون ھالقىغان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى سەپەر جەريانىدا قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلىش، ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... مول قىزىل بايلىققا تايىنىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى سىجىل تۈردە تەربىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قىزىل تەربىيەنى كۆرگەزمە سارىيىدىن چىقىش، تېخىمۇ كەڭ دەرسخانىغا يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«بۇلتۇر، خاتىرە سارىيىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 150 مىڭ ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يىل ھازىرغىچە كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.» جاڭ خەيفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز يەنە كەسپىي لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مەھەللە، ئورگان، مەكتەپلەرگە كىرىپ، كۆچمە كۆرگەزمە ۋە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئاممىغا يەتكۈزدۇق. قىزىل باش تېمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىدىن بەھرىلىنىش يىغىنى قاتارلىق ئاممىغا يېقىن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.
قىزىل روھ ئارقىلىق مەھەللىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش
بۈگۈنكى كۈندە، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى قاتارلىقلارغا ئايلىنىپ، جۇغلانغان قىزىل ئەنئەنە، ئىنقىلابىي روھ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا سىڭىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشتىكى قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندى.
خاتىرە سارايدىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي دەل تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى. كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جايدا 14 مىللەتتىن بولغان ئاھالە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. مەھەللە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدىكى قىزىل بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ تىيانشاندا يىلتىز تارتىش، ئىتتىپاقلىشىپ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قىزىل گېننى مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھەللىمىز پارتىيە ئەزالىرى، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، ياش - ئۆسمۈرلەرنى خاتىرە سارايغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شىنجاڭدا كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دائىملىق تەشكىللىدۇق. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىغا تايىنىپ «قىزىل مىكرو دەرسخانا» تەسىس قىلىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسى ۋە قىزىل لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل تەربىيەنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردۇق، دائىملىق تۇتتۇق.
«ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەش ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەھەللىمىز <مەھەللە - دائىرە - بىنا> ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، پارتىيەلىك تايانچ خادىملار دائىرە باشلىقى، بىنا باشلىقى بولۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى، خەلق رايىنى بىرمۇبىر ئېنىقلىدى.» جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە «قەلبىنۇر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى»، ئاھالىلەر سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.
مەھەللە يەنە قىزىل مەدەنىيەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، يۈز ئائىلە زىياپىتى، قوشنىلار بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەردە قىزىل ھېكايە سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇشقا، ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلىدى. قىزىل پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە جۇغلانما نومۇر مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 700دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئاممىنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتى، مۇھىت تۈزەش، مەدەنىيلىك توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى.
«8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا شىنجاڭنىڭ قويۇق قىزىل ئەسلىمىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، تىيانشان ئېتىكىدىكى مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان قىزىل ئابىدە.» جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل تەربىيە قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى، قىزىل كۈچ خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئىناق بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.






