□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ فېڭ، چىن خۇڭ
باش يازدىكى غەربىي فۇجيەننىڭ شاڭخاڭ گۇتيەن بازىرىدا تاغلار ياپيېشىل ئىدى، ئېرىقلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى.
بېيجىڭ سىفەن داشۆسى شۆبە تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى شۇنيى مەكتىپىنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى گۇتيەن يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنىدا باشلاندى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قوشۇنى يىغىن ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. يىغىن ئورنىنىڭ ئارقىسىدىكى تاغدا «گۇتيەن يىغىنى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ» دېگەن سەككىز چوڭ قىزىل خەت ھەيۋەت بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
يىغىن ئورنى زالىغا كىرگەندە، ئىلگىرىكى لياۋ جەمەتى ئەجدادلار ئىبادەتخانىسىدىكى ھاك بېتونلۇق يەر يۈزىدە ئوت يېقىلغان جايدىكى ئالا - چىپار داغ ئىزلىرىنى ھېلىھەم كۆرگىلى بولاتتى. 97 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ قىش كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ جايدا چۆرىدەپ ئولتۇرغان، قەھرىتان سوغۇقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، ئوتدانغا ئوت يېقىلغانىدى.
سوغۇقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن يېقىلغان بۇ ئوت جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرغان ئۇچقۇن، شۇنداقلا ئارمىيە قۇرۇپ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يولىنى يورۇتقان غەلىبە مەشئىلى.
شۇ چاغدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا تېخى ئون يىل بولمىغان، ئارمىيە قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغانىدى. پىرولېتارىيات پارتىيەسىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش، يېڭىچە خەلق ئارمىيەسىنى قانداق تاۋلاپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك دەۋر تېمىسى ئىدى.
1929 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، قىزىل ئارمىيە 4 - جۈننىڭ ۋەكىللىرى، يەرلىك كادىرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120دىن ئارتۇق كىشى بۇ جايغا جەم بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل ئارمىيە 4 - جۈنىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى يەنى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان گۇتيەن يىغىنىنى ئاچتى.
يىغىندا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تەييارلانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل ئارمىيە 4 - جۈنى 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ قارار لايىھەسى»، يەنى مەشھۇر گۇتيەن يىغىنى قارارى بىردەك ماقۇللاندى. 30 نەچچە مىڭ خەتلىك بۇ قاراردا «جۇڭگو قىزىل ئارمىيەسى ئىنقىلابىي سىياسىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدىغان قوراللىق گۇرۇھ» دەپ ئېنىق بېكىتىلدى، «كىم ئۈچۈن ئەسكەر بولۇش، كىم ئۈچۈن قورال كۆتۈرۈش، كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش»تىن ئىبارەت تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە ئۈزۈل - كېسىل ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
گۇتيەن يىغىنى خاتىرە سارىيىدا 1942 - يىلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى باسقان گۇتيەن يىغىنى قارارىنىڭ كىتابچىسى جىمجىت تىزىقلىق تۇراتتى. گۇتيەن يىغىنى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى خۇاڭ گۇاڭلى مۇنداق دېدى: «ئۇزاق يىللارنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ كىتابچىنى ۋاراقلىغاندا، قۇرلىرى ئارىسىغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە جەۋھىرى پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.»
90 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، گۇتيەن يىغىنى قارارى خۇددى ئۆچمەس ئىدىيە مەشئىلىگە ئوخشاش قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، پارتىيەمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا يول باشلىدى، خەلق ئارمىيەسىنى كىچىكلىكتىن زورىيىشقا، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلىدى.
2014 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش روھى، ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش ئارمىيەمىز سىياسىي خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.»
«گۇتيەن پارتىيەمىز پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش پىرىنسىپىنى بېكىتكەن جاي، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە ئۇل سالغان جاي، يېڭىچە خەلق ئارمىيەسىنى تۇراقلاشتۇرغان جاي.» باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇتيەن يىغىنىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسى تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.
1930 - يىلى 1 - ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ گۇتيەن بازىرىنىڭ لەيفاڭ كەنتى شيېچېڭديەندىكى كونا شەكىلدىكى تۇرالغۇدا «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى يۇقىرى دولقۇننىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلمىي پەرەز قىلغان −
«ئۇ، دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇپ دېڭىزغا نەزەر سالغاندا ماچتىسىنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇرغان كېمە، ئۇ، ئېگىز تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ شەرققە نەزەر سالغاندا تۆت ئەتراپقا نۇر چېچىپ كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قۇياش، ئۇ، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تەۋرىنىۋاتقان تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بوۋاق.»
2014 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:
«بىزنىڭ بۇ جايغا كېلىشتىكى مەقسىتىمىز يىلتىز مەنبەيىمىزنى ئىزدەپ، بىزنىڭ ئەينى چاغدا قەيەردىن يولغا چىققانلىقىمىز، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەسلەپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت، بۇ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلىشىمىزگە پايدىلىق.»
بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى ھالقىپ ئۆتتۇق، ئىنقىلاب يىللىرىدىكى ئۇچقۇن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى يورۇتىدىغان دەۋر مەشئىلىگە ئايلاندى.
گۇتيەن يىغىنى يىغىن ئورنىنىڭ سىرتىدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى شۆبە تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۇنيى مەكتىپىدىن تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار رەتلىك تىزىلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە گۇتيەن يىغىنى قارارىنى ئوقۇدى: قىزىل ئارمىيە ھەرگىزمۇ نوقۇل ئۇرۇش قىلىدىغان ئارمىيە ئەمەس، ئۇ ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننىڭ ھەربىي كۈچىنى يوقاتقاندىن باشقا، يەنە ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى قوراللاندۇرۇش، ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەشكىلاتىنى قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك...
گۇتيەن يىغىنىنىڭ روھى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، كەلگەن يولىمىزنى يورۇتقان، شۇنداقلا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)






