■ئىستون سۆزى
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان قورقماس غەيرەت - شىجائەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، «قىزىل بايراق ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى، تىيانشان سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى» تارماق ئىستونىنى ماس قەدەمدە ئېچىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قالدۇرغان قىزىل ئىزلىرىنى ئىزدەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
105 يىل ئىلگىرى، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە دولقۇن يېرىپ سەپەرگە ئاتلانغانىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل گېن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراقتا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا، يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.
8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئۇچقۇن ئارقىلىق يانغىن چىقىرىپ تىيانشاننى يورۇتتى، شىنجاڭ داشۆ «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى»نىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇردى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى «كۈچلۈك ئىشەنچ» ئېتىلىپ چىقتى... قىزىل ئىزلار كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىسسىق قېنىدىن ئوزۇق ئالدى، ئىتتىپاقلىق مەدھىيە ناخشىسى ياڭرىدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى جانلىق دەلىللىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، بىز بۇ قىزىل ئىزلارنى بويلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى.
ئىنقىلاب چوغىنى چېچىش
ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللاردا، قىزىل چوغ ئاۋۋال شەرقىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياندى.
1937 - يىلى 4 - ئايدا، لى شيەننيەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىدىكى 400دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچىنى باشلاپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىش، قاتمۇقات مۇھاسىرە ۋە توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئارقىلىق، شىڭشىڭشياغا يېتىپ كەلدى ھەم بۇ جايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن بىلەن ئۇچرىشىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قىممەتلىك ئىنقىلاب چوغىنى ساقلاپ قالدى. قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىدىكى ھەربىر پارچە سۈرەتتە تەسىرلىك ھەم ھەيۋەتلىك تارىخ خاتىرىلەنگەن. بۇ جاي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم قىزىل بازىغا ئايلاندى.
ئىنقىلاب ئۇچقۇنى غەربكە قاراپ ئۇلغىيىپ، ئۈرۈمچىدە توپلىنىپ چېگرا رايوننى يورۇتىدىغان يانغىنغا ئايلاندى.
ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 392 - نومۇرلۇق قورۇدا، پېشايۋىنىغا كۆك خىش بېسىپ قوپۇرۇلغان ئىككى قەۋەتلىك كىچىك ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان يېڭى ساراينىڭ چوققىسىدىكى قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنەتتى، بۇ جاي 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى ئىدى. مەملىكەت بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان 11 «8 - ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كونا ئورنى» ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خاتىرە سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلانغان ئۇلۇغۋار تارىخقا گۇۋاھ بولدى.
يولداش چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100دىن ئارتۇق كادىرنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، خاتىرە سارىيى ئىچىدە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئىنقىلابىي روھنى داۋاملاشتۇرىدىغان ھەقىقىي كۆرۈنۈشلۈك دەرسخانىغا ئايلاندى.
بۇ بىرنەچچە يىلدا، خاتىرە سارىيى چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرگەزمە قىلىش، قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىر تۈركۈم قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلەرنى يېتىشتۈردى. «ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇم.» قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى زەرە قاجىتاي مۇنداق دېدى: قىزىل ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتى بولىمەن.
8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ يېنىغا شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى ئاچقان شىنجاڭ داشۆ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونى جايلاشقان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار بۇ جايغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئادەم تەربىيەلىگەن، ئۇلار يەنئەن جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بويىچە داغدۇغىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قوزغىغان، جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، شىنجاڭ داشۆ شۇ سەۋەبتىن «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى» دەپ تەرىپلەنگەن. يۈ شيۇسۇڭ يولى، لىن جىلۇ چوڭ يولى، دۇ جۇڭيۈەن يولى... غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ مەكتەپ يوللىرىدا شىنجاڭ داشۆ بېسىپ ئۆتكەن قاينام - تاشقىنلىق يىللار ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكىتىدە شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋە روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شىنجاڭ داشۆگە كەلدى. باش شۇجى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ پارلاق نۇرىنى جۇلالاندۇردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭدې يولىدا، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماۋ زېمىن بۇ جايدا مالىيە - باجنى تەرتىپكە سالغان، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، بۇ قەتئىي تىز پۈكمەس «قىزىل باشقۇرغۇچى» ھاياتى ئارقىلىق بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدە، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى. كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ماۋ جۇشى قۇربان تۇلۇمنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى چوڭ سۈرەت قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەممىگە تونۇشلۇق سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك ھېكايىسىنى بايان قىلىپ تۇراتتى. 1959 - يىلى، 76 ياشلىق قۇربان تاغا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، پۈتكۈل ھاياتى ئارقىلىق بىر ئاددىي دېھقاننىڭ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزاھلاپ بەردى.
«سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە ھەربىر سۆز چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا كەنتلەر گۈزەل، ئادەملەر ئىناق، كەسىپلەر گۈللەنگەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى. قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرە قىزى رۇقىيەم مەتسەيدى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش تېخى ئالدىمىزدا.»
ئىنقىلابىي كىچىك بىنادا ئۇچقۇننى تۇتاشتۇرۇشتىن، بىلىم يۇرتىدىكى مۇنبەت تۇپراقتا مەشئەلنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر مىللەت ئامما سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈشكىچە، تارام - تارام قىزىل ئىزلار زامان ۋە ماكاندىن ھالقىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.
كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، زور بىر تۈركۈم قۇرغۇچىلار چۆل - باياۋانلارغا ئاتلىنىپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان كۈرەش تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شى 47 - تۇەنىدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خوتەنگە كىرگەن چاغدىكى غەلىبە نۇرى چاقنىغان ئاشۇ كۈننى مەڭگۈ خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.
1949 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ 1 - بىڭتۇەن 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەنىدىكى 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەننى غەلىبىلىك ئازاد قىلدى. ئارقىدىنلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شۇ جايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، پۈتكۈل ھاياتىنى يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيى قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، سادىقلىق بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغانلىقىدەك باتۇرانە ھەرىكىتىنى جانلىق قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شەمشەرنى ساپان قىلىپ چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىپ، بىڭتۇەن روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇردى.
2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. «توپ ئوقى مىشىكىدىن ياسالغان چوڭ كەتمەن، 296 ياماق سېلىنغان ھەربىي پاختىلىق چاپان، مۇزېيغا كىرسىڭىز، ئىسسىق قان بىلەن تاۋلانغان تارىخىي داستاننى كۆرىسىز» دېدى خۇبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ يوۋچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا. بۇ مۇزېي يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىنقىلابىي تارىخىنى ئاساسلىق تەتقىقات ھەم كۆرگەزمە مەزمۇنى قىلغان دۆلەت 2 - دەرىجىلىك مۇزېيى بولۇپ، سارغىيىپ كەتكەن ئاشۇ سۈرەتلەر، ئاددىي ئەمگەك قوراللىرى جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن يىللارنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندە، چارۋىچىلارغا رىشتە باغلىغان «ئات ئۈستىدىكى دوختۇر» لى مېڭتاۋ، ئۆمۈربويى چېگرانى ساقلىغان ۋېي دېيوۋ، «كېۋەز تېرىش چەكلەنگەن رايون»دا بۆسۈش ھاسىل قىلغان جاۋ خەي... يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەنلىكلەر بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.
چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ بوز يەر ئېچىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، سانائەت قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرغىسى ياڭرىدى.
1955 - يىلى 10 - ئايدا، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقالغانلىقى جاكارلاندى. نېفىتچىلار «كۆڭۈلنى توختىتىپ يىلتىز تارتىش، نېفىت ئالمىغۇچە ئىرادىسىدىن يانماسلىق» ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، چۆل - باياۋاننى «خەزىنە»گە ئايلاندۇردى. 2002 - يىلى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ يىللىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا 10 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى 10 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىتلىككە ئايلىنىپ، نېفىت قېزىش تارىخىدىكى يەنە بىر مۆجىزە يارىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى شەھەر ۋە نېفىتلىك ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، ئەينى يىللاردىكى نېفىت قېزىش ئۈسكۈنىلىرى ساقلاپ قېلىندى، نېفىت روھىغا ۋارىسلىق قىلىنغان بۇ قىزىل مەدەنىيەت - ساياھەت يەر بەلگىسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.
2020 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق ئۈمىد قىلدى: «ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق» ۋېي پېڭفېي دەل شىنجاڭدا قېپقالغان نۇرغۇن ياشلارنىڭ بىرى، 2020 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «چوڭقۇر يەر قاتلىمى 1 - نومۇر» شۇنبېي نېفىتلىك - گازلىقىغا تەشەببۇسكارلىق ئاتلىنىپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا سىڭدۈردى. ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتلىك ياشلىرى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، چۆل - باياۋاندا ئېنېرگىيە ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياشلىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى.
جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلدى، خالىس تۆھپە قوشۇپ، نامىنى يوشۇردى. ۋاقىتنى 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگە قايتۇرساق، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى لوپنۇردا مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىلدى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسىدىكى مالەن بازىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇمھۇرىيەت تارىخىغا مەڭگۈلۈك پۈتۈلدى. تۈركۈم - تۈركۈم پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى نامىنى يوشۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە ياردەم قىلدى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا مالەن روھىنى ئورتاق ياراتتى. مالەن خۇڭشەن ھەربىي كۆرگەزمە باغچىسى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مالەن روھىنىڭ بۆشۈكى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي مۇھىم قىزىل روھ يەر بەلگىسى ۋە داڭلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.
ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇرغۇچىلار چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشتى، بىڭتۇەن روھى، نېفىت روھى، مالەن روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈش
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئىنقىلاب قىزغىنلىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېپيېڭى جاۋاب قەغىزى پۈتتى.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە كومىتېتى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، داشى كەنتىنى ھاللىق كەنت، مەدەنىي كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتىگە ئايلاندۇردى...» قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، داشى كۆرگەزمىخانىسى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، چۈشەندۈرگۈچى كەنتنىڭ ئۈنۈمسىز، شورلۇق قاقاسلىقتىن كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 - كەنت»كە ئايلانغانلىقىدەك گۈللىنىش ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلدى.
2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئاھالىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندىكى داشى كەنتى ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىزىل ساياھەت سەرخىل لىنىيەسى بەرپا قىلدى، ئۆزئارا ياردەملىشىش داۋامىدا ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شاتگۈل راخمان.
ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار خاتىرە سارىيىدىكى كۆزىتىش مۇنارى ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا، تۆمۈر چوققىسى باغرىدىكى مىليون مولۇق ئورمان دېڭىزى بۈك - باراقسان كۆرۈنىدۇ. 1986 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش»تىن ئىبارەت كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە يېشىل سېپىل بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئالايىتەن چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى. ئەينى يىلى يول ياسىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئون يىلدا مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى پۈتتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى مۇساپىنى يېرىمغا يېقىن قىسقارتقانىدى، ئەمما 168 نەپەر يول ياسىغۇچى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە مەڭگۈلۈك قېپقالدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەر چېن جۈنگۇي قەبرىستانلىقنى نەچچە ئون يىل ساقلاپ، ساياھەتچىلەرگە قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى قايتا - قايتا سۆزلەپ بەردى.
105 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يول، قىزىل رەڭ تىيانشاننى جۇلالاندۇردى.
قىزىل رەڭ تارىخىي ئەسلىمە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ روشەن ئاساسىي رەڭ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ جەۋلان قىلىدىغان، مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان مەنىۋى بايراق.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەنە ئاتلاندى!






