تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلىدە شەھەر- يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان بولسا پۇلنى ئېلىشنى توختىتىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

   ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلىدە شەھەر- يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى تارقىتىشنى توختىتىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

   بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشسىز خادىملار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەققىنى بىر تۇتاش ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ، شەخسلەر ھەق تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆزى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.

   ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ۋاكالىتەن تاپشۇرغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھېساباتقا ئوڭۇشلۇق كىرىشى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغان ئىشسىز خادىملار ۋاقتىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ ياكى تور يولى ئارقىلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋاقىتلىق توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، تەكرار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سەۋەبىدىن ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.