ياڭ X مەلۇم ئولتۇراق رايوندا كېتىۋاتقاندا، قۇرۇلۇش قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەم بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن يۇندى يولى قۇدۇقىغا ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كېتىپ زەخىملەنگەن. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئەدلىيەلىك باھالاش ئارقىلىق، ياڭ Xنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالى ئادەم بەدىنى زەخمىسىنى بېكىتىش بويىچە 10- دەرىجىلىك مېيىپ بولغان دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش ھەققى، قاراش ھەققى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.
ياڭ X: دېلوغا چېتىشلىق يۇندى يولى قۇدۇقى ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى رايونىغا جايلاشقان، مەلۇم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە ئاسراشقا مەسئۇل. بۇ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى يۇندى يولى قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قۇدۇق قاپقىقىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمىگەن، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى مۇلازىمەت توختامىدىكى پۈتۈم ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ سەۋەنلىكى ئۆزىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ياڭ X بۇ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىيان ئۈچۈن جەمئىي 125 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق يۇندى يولى قۇدۇقى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قۇدۇق قاپقىقىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرمەي، پەقەت قۇدۇق گەۋدىسىنىڭ ئەتراپىغا پاكار تۆمۈر رېشاتكا ئورنىتىپ، ئاددىيلا قورشاپ قويغان، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش قائىدىسى بويىچە ئېنىق، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىپ، يول يۈرۈش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالمىغان، باشقۇرۇشتا روشەن يوچۇق ساقلانغان؛ ۋەقە يۈزبەرگەندە ياڭ X بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يان تېلېفونىغا قاراپ مېڭىپ، يول يۈزىنى كۆزىتىش، دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، دەپ قاراپ زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇنىڭدىمۇ بەلگىلىك سەۋەنلىك بارلىقىنى ئېنىقلىغان.
دېلودا پاكىت ئېنىق، مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى ئېنىق، ياخشى مۇرەسسە ئاساسىنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دېلو بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان سودىيە مۇرەسسە تەرتىپىنى باشلاشقا تەشكىللىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان: مەلۇم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ياڭ Xكە مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك تۆلەم پۇلى بولۇپ جەمئىي 61 مىڭ 500 يۈەننى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغان بولغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1258- ماددىسىدا: «ئاممىۋى سورۇندا ياكى يولدا يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى قېزىش، رېمونت قىلىش، ئورنىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەندە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئېنىق بەلگە قويغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، باشقۇرغۇچى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
سودىيەنىڭ ئەسكەرتىشى: ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى رايونلارنى باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە پۈتۈمدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى، ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى يول، قۇدۇق قاپقىقى، لېفىت، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئاسراپ تۇرۇشى، بۇزۇلغان، كونىراپ كەتكەن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ ئوڭشاپ تۇرىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش رايونى، تېيىلغاق يول بۆلەكلىرى، ئېگىز بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈپ كېتىش خەۋپ- خەتىرى بار رايون قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا جەزمەن ئېنىق، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ھەم پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش، قوغداش تەدبىرى ئورنىتىشى كېرەك. كەڭ ئاممىمۇ بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىققاندا ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى، يول يۈرگەندە دىققىتىنى چېچىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مېڭىش قاتارلىق قىلمىشلاردىن ساقلىنىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك؛ بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆز- قۇلاق بولۇشنى كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھوقۇقىنى قوغداشتا قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە دەلىل- ئىسپاتلارنى ساقلاش كېرەك، ئەگەر ئۆي- جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشتىكى يوچۇق، بىخەستەلىك، ئەسلىھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى تۈپەيلىدىن بەختكە قارشى جىسمانىي ياكى مال- مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغاندا، بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ ساقلاپ، داۋالىنىش كېسەللىك تارىخى، ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتى، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش، ئەرز قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق ھوقۇقىنى ئاقىلانە قوغداپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
(«بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2026- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى)






