تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەنچاڭ قوزغىلىڭى: پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنياغا كەلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن سىشياڭ

قەھرىمان شەھەر نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى كۆتۈرۈلگەن جاي.

1927 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، نەنچاڭ شەھىرىدە تۇنجى پاي ئوق ئېتىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «نەنچاڭ شەھىرىدىكى ئوق ئاۋازى»نى «كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتكەن چاقماق»قا ئوخشاتتى. بۇ «چاقماق»نىڭ ئارقىسىدا قانداق ھەيۋەتلىك يىللار بار؟

1927 - يىلى، داغدۇغىلىق بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولۇپ، ئىنقىلاب ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئامما ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. 1927 - يىلى 11 - ئايدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيە 5 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكى 58 مىڭغا يېقىن ئادەمدىن شىددەت بىلەن ئازىيىپ 10 مىڭدىن كۆپرەككە چۈشۈپ قالغان.

رەھىمسىز پاكىت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو ئىنقىلابى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۈشمەن تەرىپىدىن پارچىلىنىش ۋە يوقىتىلىشتەك ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلدى.

مۇشۇنداق خەتەرلىك مۇھىتتا ئىنقىلاب قىلىدىغان جۈرئەت بارمۇ - يوق؟ ئىنقىلابتا قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟ بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئىككى تۈپ مەسىلە ئىدى.

زۇلمەتلىك كونا جۇڭگودا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باتۇرلۇق بىلەن مۇستەقىل ھالدا ئىنقىلاب بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى؛ ئىنقىلابتا قانداق چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۇزاق مەزگىل جاپالىق ئىزدەندى. خۇددى يولداش ماۋ زېدۇڭ كېيىن ئېيتقاندەك: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قورقۇپ قالغىنى يوق، بويسۇنغىنى يوق، قىرىلىپ تۈگىگىنى يوق. ئۇلار يەر ئاستىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ، بەدىنىدىكى قان ئىزلىرىنى سۈرتۈپ، ھەمراھلىرىنىڭ مېيىتىنى كۆمۈپ قويدى، ئۇلار يەنە داۋاملىق جەڭ قىلدى.»

ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا، ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، 1927 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەمدىلا تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ۋاقىتلىق دائىمىي كومىتېتى ئۈچ چوڭ ئىشنى قەتئىي قارار قىلدى: پارتىيە ئىگىلىگەن ۋە تەسىر كۆرسەتكەن قىسىملارنى نەنچاڭغا يىغىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش؛ ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتى ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بولغان خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ تۆت ئۆلكىدىكى دېھقانلارنى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغاشقا تەشكىللەش؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىددىي يىغىنىنى چاقىرىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى يېڭى فاڭجېننى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەر، قەدىمىي شەھەر نەنچاڭ.

پاڭ! پاڭ! پاڭ! − ئۈچ پاي ياڭراق ئوق ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزدى. تۆت سائەتتىن ئارتۇق كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن نەنچاڭ شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.

ئوق ئاۋازى تۈن پەردىسىنى يېرىپ ئۆتۈپ، يۈجاڭدا ئۇرۇش ئوتى كۆتۈرۈلدى. نەنچاڭ قوزغىلىڭى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتتى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى قوراللىق ئىگىلەشنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۈچ «ئۇلۇغ ئىش» ئارقىلىق نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە باھا بەرگەنىدى: «بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىش، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىش.»

مىسلىسىز مۇشەققەتلىك جىڭگاڭشەن كۈرىشىدىن مۈشكۈل، خەتەرلىك ئۇزۇن سەپەرگىچە، ئىس - تۈتەككە تولغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن چىرىك ھاكىمىيەتنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئازادلىق ئۇرۇشىغىچە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداشتىكى قەھرىمانلىق كۈرىشىدىن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشقىچە... شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەختىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخ ئېقىمىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ جۇڭشەن يولىغا جايلاشقان، نەنچاڭ قوزغىلىڭى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى بىلەن كۆرگەزمە بىناسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 2008 - يىلى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بۇ جاي مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى.

«بارغانسېرى كۆپ ئېكسكۇرسىيەچى ئارمىيە بايرىقى كۆتۈرۈلگەن جايغا مەخسۇس كېلىپ، نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىغا ئالايىتەن كېلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى ئاستىدىكى شەرەپ ۋە ئارزۇ ئۈستىدە ئىزدەندى.» نەنچاڭ 1 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جياڭ مۇنداق دېدى: بىز قىزىل ئەسلىمىلەرنى ياخشى قوغداپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي روھنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ نۇرلۇق جۇلالاندۇرىمىز.

پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ياراتقان مەنىۋى ئابىدە ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.