بۇنداق قاراش بەكلا مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەنلىك. كۆپۈكسىمان سۈيدۈك سۈيدۈك چىقارغاندا سۈيدۈك يۈزىدە كۆپ مىقداردا ئاق كۆپۈكچە پەيدا بولۇش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، فىزىئولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك، دەپ ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ.
فىزىئولوگىيەلىك كۆپۈكسىمان سۈيدۈك ئادەتتە سۈيدۈك قىستاش، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەك ياكى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا سۈيدۈك قويۇلۇش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپۈكسىمان سۈيدۈكنىڭ كۆپۈكچىلىرى چوڭ ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال نورمال ھادىسە بولۇپ، ئادەتتە دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھاجەتسىز. پاتولوگىيەلىك كۆپۈكسىمان سۈيدۈك بۆرەك كېسىلى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپۈكچىلىرى زىچ، ئۇزاق ۋاقىت يوقاپ كەتمەيدۇ، بەزىدە يەنە غەيرىي پۇراق ياكى باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
قىسقىسى، سۈيدۈك كۆپۈكچىلىرى كۆپ بولۇشنى تاسادىپىي بايقىغاندا زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن، ئەگەر كۆپۈكسىمان سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانى كۆپەيسە ياكى باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: شياۋ يۇڭشۇاڭ، شۈجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى






